ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەيدۇ

بۈگۈن (12-نويابىر) شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنىدۇر. بۈگۈن 1933-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن، 1944-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەيدىغان كۈندۇر. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئېغىر زۇلمى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولماقتا. جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل بولۇش، يەنى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قانۇنلۇق دۆلىتىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ سەھىپىسىن ئورۇن ئالغانىدى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخىمىزغا، دىنىمىزغا، مىللىي كىملىكىمىزگە ئېغىر زەربە بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ جۇمھۇرىيىتىمىزنى خاتىرىلەش تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن بۇ شەرەپلىك تارىخىي كۈننى خاتىرلىگىنىمىزدە تولىمۇ ئىپتىخارلىنىمىز، چۈنكى خەلقىمىز  قەيسەر، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىقتىدارلىق خەلقتۇر؛ بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنلەردىمۇ خەلقىمىز بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن ھەمدە خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە شان-شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن».

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە شان-شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئاۋۋال، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش كۈرىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىدۇ ۋە بۇ ئالاھىدە كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قېرىنداشلىق سالىمى يوللايدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺳﺎﺑﺮﯨﻨﺎ ﺳﻮﮪﺎﺋﯩﻞ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﺎﻱ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ