25 ياشلىق نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ كېسىۋېىتىلگەنلىكى دەلىللەندى، يېڭىھايات تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجادىكى لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 25 ياشلىق نىگارە ئابدۇشۈكۈر بىلەن ئانىسى مەرھابانىڭ 19 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەرىپىدىن 4 خىل تىلدا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا نىگارە ۋە ئانىسىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. نۆۋەتتە مەھبۇس نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ غۇلجا شەھەرىدىكى يېڭىھايات تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى زۆھرە ئابدۇمېجىتنىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە 4 خىل تىلدا بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتىدا دېيىلىشىچە، 25 ياشلىق نەۋرە ئاچىسى نىگارە ئابدۇشۈكۈر بىلەن 53 ياشلىق چوڭئاپىسى مەرھابا 2017 ‏-يىلى28 ‏-نويابىردا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە لاگېرغا ئەكىتىلگەن. ئۇلار 2018 ‏-يىلنىڭ ئاخىرى 19 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن. باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، نىگارە ۋە ئانىسى غۇلجا شەھىرىدىكى دۆڭمەھەللىگە نوپۇسلۇق ئىكەن.

بىز غۇلجا شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرلىرىغا ئاساسەن دۆمەھەللىدىكى مەلۇم بىر ئاھالىلەر رايونى ساقچى خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. بۇ خادىم ئۆزى مەسئۇل بولغان تەۋەلىكتە 19 يىللىقتىن كېسىلگەن بۇ خىل كىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نىگارە ئابدۇشۈكۈر ۋە ئانىسى مەرھابا ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېقىنقى ئىككى ئايدا كۆپ قېتىملاپ ئۇچۇرلار تارقالغان ۋە گۇۋاھلىق باياناتلىرى بېرىلگەن. نىگارەنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن گۈلزىرە تاشمەمەتنىڭ فېيسبۇكىدا بايان قىلىنىشىچە، نىگارە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىنى2017 ‏-يىلى7 ‏-ئايدا پۈتتۈرگەن. ئانا تىلىدىن باشقا خىتايچە ۋە ئىنگىلىزچىنىمۇ پۇختا بىلگەن نىگارە ئابدۇشۈكۈر ئىش كۈتۈپ تۇرغان مەزگىلىدە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە» گە ئېلىپ كېتىلگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھىرىدىكى يەنە بىر ساقچى خادىمىمۇ ئۆزى بىلىدىغان تۇتقۇنلار تىزىملىكىدە نىگارە ئابدۇشۈكۈر ۋە مەرھابا ئىسىملىك كىشىلەرنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى. گۈلزىرە تاشمەمەتنىڭ فېيسبۇك ۋە تىۋىتتېردىكى يازما باياناتلىرىدا نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ دادىسى ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى روناق تاپقان تىجارەتچىلەردىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە مۇقىم مۈلۈك ساھىبى ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ «كەسپىي تەربىيە» لەشلىرىگە ئېھتىياجى يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن.

گۈلزىرەنىڭ يۇرتىدىكى تونۇشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن پەرەز قىلىشىچە، نىگارە گېرمانىيەدىكى ئاكىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى، ئانىسى مەرھابا بولسا 2015 ‏-يىلى تۈركىيەگە ئىككى ھەپتىلىك ساياھەتكە كەلگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچىخانا باشلىقى نىگارە بىلەن مەرھابانىڭ كېسىلگەن مۇددىتى ۋە سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلىش داۋامىدا ئۇ ئىككىسىنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە، يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىغلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا دۆڭمەھەللىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ نۆۋەتتە يېڭىھايات تۈرمىسىدە ئىكەنلىك ئېھتىمالىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئەدلىيە خادىمى تىزىملىككە قاراپ چىققاندىن كېيىن نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ يېڭىھايات تۈرمىسىدە بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن نىگارە ئابدۇشۈكۈر ۋە ئانىسى مەرھابانىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. ئەمما 19 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى تېخى دەلىللەنمىدى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ