ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز!

ماي ئېينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى يەنى 5-ئاينىڭ  10-كۈنى، بارلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى سۆيگەن كىشىلىرىگە ئاتا قىلغان ئاياللارنى ھۆرمەت بىلەن تەبرىكلەيدىغان كۈن. ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىمىزگە قوشقان تۈگىمەس تۆھپىسى ۋە رولىنى مىننەتدارلىق ئىچىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. ئانىلار، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق، ھامىيلىق ۋە مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك سىمۋولىدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدا مىليونلىغان گۇناھسىز ئۇيغۇر ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى، جازا لاگىرلىرىغا، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا، يېتىم-يېسىرلار ئۆيىگە قامالدى ۋە ھازىرغىچە ئۇلاردىن ھېچ خەۋەر ئالالمىدۇق. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئاتا مېھرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان بالىلىرىمىز بار. بۇ بالىلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئاتا-ئانا قۇچىقى ۋە ئىللىق ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ،خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى قۇلى بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا .

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان زىبا مۇرات ئاپىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: 2018- يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ ئاپام بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۈزۈلدى. ئاپام تۇتۇلۇپ كېتىپ سىڭلىم ئىككى ھەپتىدىن كېيىن يەڭگىدى . ئاپام بولسا، ئۆزىنىڭ يەنە بىر نەۋرىلىك بولغانلىقىدىنمۇ خەۋىرى يوق ئىدى. بىزمۇ بالىلىرىمىزنى ئاپىمىزنىڭ ياردىمىسىز چوڭ قىلىمىز دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق. شۇڭا ئانىلىرى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئانىڭىزغا بولغان مىننەتدارلىقىڭىزنى ھەر زامان ئىزھار قىلىپ تۇرۇڭ دەپ خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ. بىز ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەملىرىدىن ، سۆيگەنلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئىنسانلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى ھەرگىزمۇ توختاتمايمىز، ئۈمىدسىز ئۇيغۇر ئانىلىرىنى پەرزەنتلىرى بىلەن جەم قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۆرەش قىلايلى .

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى روشەن ئابباس: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدىن، بېيجىڭ ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا ھۆرمەت قىلمايدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تۈردە ئىسپاتلاپ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسان ھەق -ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا چوقۇم ئەمەل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋاپكارلىققا تارتىشى كېرەك.» دەپ كۆرسىتىدۇ .

بۇ قېتىمقى ئانىلار بايرىمىدا، بىز خىتاي ھاكىمىيىتىنى دوختۇر گۈلشەن ئابباس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جازا لاگىرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئانىلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شىجىنپىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ئەخلاققا پۈتۈنلەي پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دۇنياغا نامايان قىلدى .

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق ئەسەرنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.