ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﺪﺍ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﺪﺍ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﺪﺍ 2-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» (H.R 2635) ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ (CCP) ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺗﯧﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﮪﻪﻡ ﺑﺎﮪﺎﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﻛﯩﻢ ﻳﻮﺋﯘﯓ (Kim Young) ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:
«ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺗﯘﻏﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﯘﻝ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﺵ ﯞﻩ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﺩﻯ. ﻣﻪﺳﯘﻡ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻏﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ‹ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻢ› ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗﻛﻰ: ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﮭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺳﻪﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ — ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ.»
ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:
«ﻣﻪﻥ ‹ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ› ﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﺪﺍ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ، ﺩﯨﻨﯩﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺗﯩﻞ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﮪﻪﻡ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﻙ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﮪﻪﻡ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﮪﻪﻡ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﮔﺎﮪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.»
.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:
«ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻡ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮪﯧﺴﺎﺏ ﺳﻮﺭﺍﺷﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻰ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺵ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﻗﻪﺕﺋﯩﻲ ﻗﻮﻟﻼﻳﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺍﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﻢ ﻳﻮﺋﯘﯓ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻦ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ.»
.
‹ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ› ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ:
• ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺯﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ، ﺩﯨﻨﯩﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺗﯩﻞ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ.
• ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ.
• ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﯧﺴﺎﺏ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻻﮔﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﻻﮔﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺵ ﺳﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﺵ.
• ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻯﺋﺎﺳﭙﻮﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24-يانۋاردىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى باياناتىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شى جىنپىڭدىن كېيىنكى

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايانلىرىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغان 9 نەپەر ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىغا خىتاينىڭ چىدىيالماي

رۇشەن خانىم خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

رۇشەن خانىم خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى يانۋارنىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق: مەنىۋىي دېپلوماتلارنىڭ يۈكسېلىشى» ناملىق

مەرز دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى

مەرز دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى داۋوستا چاقىرىلغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەرز، دۇنيانىڭ 80 يىلدىن بۇيانقى تەرتىپلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن بىشارەتلەر بېرىپ

خىتاينىڭ «ئامېرىكا زومىگەرلىكى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈزەل ھاياتى» تەشۋىقاتى

خىتاينىڭ «ئامېرىكا زومىگەرلىكى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈزەل ھاياتى» تەشۋىقاتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىكى تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئامېرىكىدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى «گۈزەل ھايات»، «يۈكسەك تەرەققىيات»نى سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىپ،

رۇشەن خانىم كانادا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن

رۇشەن خانىم كانادا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋۋاشىنگتوندا كانادا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتتە بولدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلدى

«تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلدى يانۋارنىڭ 20-كۈنى گېئورگېتوۋن بارنېس & نوبلې (Georgetown Barnes & Noble) كىتابخانىسىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس

غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خىتاي ئەلچىخانىسى — ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نىڭ ئاچقۇچى

غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خىتاي ئەلچىخانىسى — ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نىڭ ئاچقۇچى رويتېرىسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە باش منىستىرى رودنەي ستارمەر (Rodney Starmer) ) خىتاينىڭ لوندۇندا قۇرماقچى بولغان غەربىي