روشەن ئابباسنىڭ خادسۇن ئېنۇستىتۇتىدا سۆزلىگەن سۆزى

2018-يىلى 5-سىنتەبىر

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: كۆرەش

رەھمەت سىزگە ئېرىك! سىز ۋاشىنگىتوندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشتا ھەقىقەتەن ياخشى باشلامچى بولدىڭىز. قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇگۇن كېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.

مىنىڭ ئىسمىم روشەن ئابباس، مەن گەرچە بۇ تېمادا ئالىم-مۇتەخەسسىسلەردىن بولمىساممۇ مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن سۆزلىگۈچىلەر ھازىر مۇھاكىمە قىلىپ چىققان تېمىلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن.

ھازىر خىتايغا قويۇلغان تاموزنا بېجى ھەققىدىكى كۆپلىگەن خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، بىر مىليون دېگەن بۇ ساننى ئانچە كۆپ ئاڭلىمايۋاتىمىز. بىر مىليون دېگەن گەپ پۈتكۈل ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدىنمۇ كۆپ بولغان بىر سان، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىۋېتىلگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلار سانىنىڭ بىر قىسمى. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار جازالاش لاگىرلىرىدا تۇرماقتا. خۇددى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغاندەك بۇ ھال، زامانىمىزدىكى بىر مىللەتنىڭ ئەڭ زور ساندا قاماققا ئېلىنىشىنىڭ مىسالىدۇر.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنى <تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى> دەپ ئاتىماقتا. ئەمما شاھىدلار ۋە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەركەزلەر قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر، تىكەنلىك سىم توساقلار، قىستاڭ كامېرلار، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، تازىلىق دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولماسلىق، ئۆيدىن جۇدا بولۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر گەۋدىلەشكەن ماكاننى كورسەتمەكتە. بۇ مەركەزلەر دىگەنلىك يەنە، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش دىگەنلىك بولماقتا. بۇ مەركەزلەردە ئۇلارنىڭ كىشىلىك مەۋقەسى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلمەكتە. ئۇلار روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە خورلانماقتا. قارىماققا مەن بۇ يەردە جازا لاگىرلىرىنى تەسۋىرلەۋاتقاندەك تۇرىمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

1949-يىلى ماۋزىدوڭ شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كىيىن ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق «مىللەتچى»،»ئەكسىلئىنقىلاپچى» ۋە «بۆلگۈنچى» دىگەندەك قالپاقلار بىلەن جازالاپ كەلدى. 11-سىنتەبىر تىرادىگىيەسىدىن كىيىن، كوممۇنىست دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا قايتىدىن «تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇش» ماركىسىنى چاپلىدى. بۇگۇن ئۇيغۇرلار شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ قالدى. پۈتۈن ۋەتەن قارىلىنىپ توھمەت ئاستىدا قالدى. مەدەنىيەت ۋە كوللىكتىپنى نىشان قىلغان جازالاش ئومۇملاشتى. قامالغان بىر مىلىيوندىن ئارتۇق كىشلەر ھىچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگىنى يوق. ناھىيەلەر، رايونلار ۋە مەھەللىلەر پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چەكلەنگەن، خىتاي بارلىق سىياسى قارشىلىقنى «ئىسلامى تىرورىزىم»بىلەن باغلاپ، بۇنى باھانە قىلىپ، DNA ئۇچۇرى توپلاش، كۆزىتىش كامىرالىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، يۈزىنى تونۇش يۇمشاق دىتالى ۋە ئاپتوموبىللارغىچە GPS كۆزىتىش سىستىمىسنى ئورناتقان.

ختتاي تۆۋەندىكىدەك كىشلەرنى لاگىرلارغا ئەۋەتكەن:

خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىپ تونۇلغان ئالىم، دوكتۇر راھىلە داۋۇت.
ئاممىباب ناخشچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ.
ئىرفان ھەزىم، كەسپى پۇتبولچى.
ئۇنېۋىرسىتىت مۇدىرلىرىدىن تاشپولات تېيىپ ۋە خالمۇرات غوپۇر.

خىتاي يەنە 82 ياشقا كىرگەن مەشھۇر دىنى ئالىم، خىتاينىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى تۇتقۇن قىلغان.

بىراق بۇلار پەقەت مەشھۇر شەخسلەر ياكى چەتئەلگە چىققانلارغىلا يۈز بەرىۋاتقان ئىش ئەمەس. مىنىڭ ئائىلەممۇ دۇچ كىلىۋاتقان بىر مەسىلە. مىنىڭ خوتەندىكى 71 ياشلىق دىھقان ۋە 69 ياشقا كىرگەن ئائىلە ئايالى قىيىن ئاتا-ئانام ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ قىزى ۋە بىر كىلىنى ئەرلىرىنى بىلەن قوشۇلۇپ يوقاپ كەتكەن. 2017-يىلى ئاپرىلدىن تا ھازىرغىچە يولدىشىم ئىككىمىز ئۇلارنىڭ ھىچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لازا لاگىرلىرىغا قامالغان بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بىز ھازىرغىچە يولدىشىمنىڭ 3 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان 14 نەپەر جىيەنلىرىنىڭمۇ قاتەردە ئىكەنلىگىنى بىلمەيمىز شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بىز ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكلىرىدىكى يېتىمخانىلارغا ئەۋەتىلگەن بولۇشىدىن ئەنسىرەيمىز. بىز يەنە قىينى ئېنىم ئابدۇرىھىم ئىدرىسنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.

دىلنۇر ئەنۋەر، ئۇچ بالىنىڭ ئانىسى. ئۇ 2016-يىلى ئاسپرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن ستانبۇلغا بىر قىزىنى ئىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ 5 ياشلىق ۋە 7 ياشلىق 2 بالىسى چوڭ ئاپا-چوڭ دادىسى بىلەن قەشقەردە قالغان. 2017-يىلى 4-ئايدا، قەشقەر ساقچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ دەرھال قايتىپ كىلىشىنى ،بولمىسا ئۇنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. دىلنۇر تۈركىيە ۋە مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكى ياكى تۇتۇلغانلىقى ياكى ئۆلگەنلىكىنى بىلگەچكە قايتىمىغان. ئۇنىڭ بالىلىرى چوڭ ئانا-چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىدىن ئىلىپ كېتىلگەن، ئۇ ھازىر قىزلىرىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدۇ.

مەھمۇتجان ئەركىن، ئىلگىرى شەرقى تۈركستاندا ئوقۇتقۇچى ئىدى. 2016-يىلى تۈركىيەگە كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساقچىلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان. ساقچىلار ئۇنىڭدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە جاسوسلۇق قىلىشىنى، كوممۇنىستىك پارتىيەنى ماختاپ ماقالە يېزىشىنى ،شۇنداق قىلسا تۈركىيەدە ئۇنىڭغا ياخشى ئۆي ۋە پۇل بىرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇ رەت قىلغاندا، ساقچىلار ئۇنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا تىرورچى دەپ دوكلات قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان. مەھمۇتجان بۇنى جامائەتكە ئاشكارلىدى.

بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ۋە بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قورقۇنچلۇق مىلىيونلىغان ھېكايىلەر بار. ئەركىن ئاسيا رادىئوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار كەڭ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا غايەت زور ساندا جەسەت كۆيدۇرۇش ئورنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولسىمۇ، بىراق دۇنيا كۆزىنى يۇمۇۋالماقتا.

بىز دۇنيا رەھبەرلىرى، سىياسىيونلار، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائى جامائەتچىلىگىدىن كوممۇنىست خىتاينىڭ رەزىللىكىگە قارشى بىر ئاۋاز بولۇشىنى، بۈگۈنكى دەۋردىكى مىسلىسىز زوراۋانلىققا خاتىمە بىرىش ئۈچۈن بىرلىكتە قەدەم ئىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. ۋاقىت كىچىكىپ كەتمەستە ھەرىكەتكە كىلىشىنى سورايمىز!

 

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى 8-ماي ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا پارلامېنتىنى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى مەركىزى ۋاشىڭتوندا بولغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 28-ئاپرىلدىن 7-مايغىچە ھىندونىزىيەنىڭ بىرقاچە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى. ئوبزوردا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى ئوقۇغۇچى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 7-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىت «ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى 6-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا مۇھىم يىغىنغا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى ھەمدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن سابرىنا سوھائىل

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى 6-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى سايلامغا 630 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، مەخپىي بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا باش مىنىستېر نامزاتى فرىدىرك

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى» 5-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىدار بولغان ساھەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى