ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ياۋروپا سىياسىتى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلغان

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىكە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» (The Coalition to End Uyghur Forced Labour) 10-ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا بىر يىغىن تەشكىللەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت تارتىش، بولۇپمۇ ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە بىر مۇزاكىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاياقلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ يىغىن، دەل ياۋروپا كومىسسىيونى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى بۇ يىل 9-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى بېرنارد گۇئېتتا (Bernard Guetta )، سەلىمە يەنبو (Salima Yenbou)، باررىي ئاندرۋس (Barry Andrews)، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سامۇئىل كوگولاتى(Samuel Cogolati)، ئىلھام توختىنىڭ قىزى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋھەر ئىلھام، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىكە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى دېرىكتورى كىلويى كرانستون (Chloe Cranston) قاتارلىقلار سۆز قىلغان.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» نىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى بويىچە سىياسەت ماسلاشتۇرغۇچىسى كوئېن ستوپ رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا، ئالدى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى بېرنارد گۇئېتتا ئەپەندى سۆز قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «سىلەرمۇ ھېس قىلىپ يەتكەندەك، بۇ يەردە ئەركىنلىكىڭلارنى، ئىنسانلىق غورۇرۇڭلارنى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىڭلارنى دەرھال قولغا كەلـتۈرىدىغان بىر سېھر يوق. شۇنداقتىمۇ سىلەر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاز بولمىغان بىر قىسىم مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىڭلار. بۈگۈن سىلەر ئۆز بېشىڭلارغا كەلگەن تراگېدىيەنى خەلقئارادا ئېـتىراپ قىلدۇردىڭلار. بۈگۈن دۇنيادىكى تەسىرگە ئىگە شەخىسلەرنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى ھىيلىگەرلىك بىلەن ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دەپ ئاتىۋالغان بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلالمايدۇ. ئاندىن مانا بۇ پارلامېنتتا بىز ‹خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى› نى تونۇدۇق. يەنە بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى رەت قىلدۇق. ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئاران 3 پارلامېنت ئەزاسى بار ئىدۇق، بۇ ئىشلارنى قىلىدىغان. ئەمما بۈگۈن سىلەرنىڭ دەردىڭلار خەلقئارادا تونۇلدى ھەم سىلەرنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىدىغان تەدبىرلىرىڭلار بولدى.»

بېرنارد ئەپەندى سۆزىدە بۇ بىرلىكنىڭ ئىسپاتلارنى يىغىش، رەتلەش ۋە بېيجىڭ تەرىپىدىنمۇ ماقۇللانغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسىغا ئەرز قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق داۋام قىلغان: «بۇ كۈرەش ئۇزۇن، بەك ئۇزۇن، ئەمما سىلەر بۇ كۈرەشنى ناھايىتى تېز باشلىدىڭلار. شۇنى ئەستە تۇتۇڭلاركى، بىزنىڭ قوللىشىمىز، تاكى سىلەر غەلىبە قىلغانغا قەدەر توختاپ قالمايدۇ.»

ئارقىدىن ياۋروپا پارلامېنتنىڭ ئەزاسى سەلىمە يەنبو خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ يىغىننىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلىشى ۋە ئۇنىڭغا تۈرمىدىكى ئەركىنلىك كۈرەشچىسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قىزىنىڭ قاتنىشىشىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «پۇقرالار، پارلامېنتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇشتا ۋە ئەيىبلەشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. سىياسەتچىلەر، بولۇپمۇ ياۋروپا سىياسەتچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، شۇڭا ياۋروپا ھۆكۈمىتى ۋە سىياسەتچىلىرى خەلقئارالىق ئورگانلاردا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلىشى ۋە سىياسەت بەلگىلىشى كېرەك. ياۋروپا پۇقرالىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەسلىكى، پۇقراۋى جەمئىيەتلەر بىلەن ھۆكۈمەتلەر شىنجاڭدا يۇز بېرىۋاتقانلارغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىم. ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ياۋروپا بازىرىدا ئورۇن تاپالمىسۇن.»

ئاخىرىدا سەلىمە خانىم ياۋروپادىكى شىركەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىشـتىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ: «جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقنىڭ ئۆزى جىنايەتتۇر»، دېگەن.

سەلىمە خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەكتىن باشقا يەنە ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكىنىڭ تەھدىتىگىمۇ ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مۇشۇ ھەقتە بىر قارار ماقۇللىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ: «ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەپەرۋەر بولۇشقا تەييار تۇرىدۇ،» دېگەن.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى باررىي ئاندرۋس (Barry Andrews) سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ بىر ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىش بىرلىكىنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىغىلى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق بىر تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيە بەلگىلەشنى مۇزاكىرە قىلغىلى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ يىل 9-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى تەكلىپ تونۇشتۇرۇلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ كونكىرېت مەزمۇنلىرى تېخى ئېنىق بەلگىلەنمىدى، جۈملىدىن بۇ چەكلىمە زادى قانداق بولىدۇ، ئامېرىكانىڭكىدەك ئىمپورت چەكلىمىسى بولامدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە قېيىن بىر چەكلىمە بولامدۇ؟ بىز ھازىر بۇ تەكلىپ لايىھەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە يۈرۈتۈۋاتىمىز. شۇڭا يىغىندىن كېيىن سىلەرنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئېلىشقا ناھايىتى ئالدىراۋاتىمەن.»

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بىر ئېغىزدىن ئېچىلىش سۆزلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سۆز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر ۋەكىللىرىگە بېرىلگەن. ئالدى بىلەن جەۋھەر ئىلھام سۆز قىلغان.

ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە توختالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئۇيغۇر رايونى ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ زور كۆلەمدە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

ئارقىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىكە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە دېرىكتورى كىلويى كرانستون سۆز قىلغان. ئۇ بۇ بىرلەشمىنىڭ ئۇزۇن بىر تەييارلىق باسقۇچىدىن كېيىن 2020-يىلى 7-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىستېمىلىق زۇلۇمىنىڭ كۇنسايىن ئېشىپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ يەنىمۇ كەڭ كۆلەملىشىشى ۋە سىستېمىلىشىشى ۋە شۇنداقلا يەنە خەلقئارا ماركىلارنىڭ بولۇپمۇ مودا كىيىم-كېچەك ساھەسىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ زۇلۇمدىن پايدا ئېلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بۇ دەۋانى خەلقئارادا تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا بىرلىكتە قىلىش، سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا دەۋا قىلىپ جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ بىرلىكنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

كلويى خانىم مۇنداق دېدى: «مەن بۇ بىرلىكنى دەۋرىمىزدىكى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى، دىيەلەيمەن. چۈنكى بىز خەلقئارادىكى قۇللۇققا قارشى گۇرۇپپىلارنى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنى، تىجارەت ئۇيۇشمىلىرىنى، دىنىي تەشكىلاتلارنى، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر يەرگە يىغدۇق. بىز ھازىر 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 400 دىن ئوشۇق تەشكىلاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق. شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشىنى چەكلەيدىغان بىر يەرشارىۋى ھەرىكەت قوزغالغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە مۇئەسسەسەلەر چوقۇم تەدبىر قوللىنىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.»

كلويى خانىم بۇ بىرلىكنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنى ئاياقلاشتۇرۇشنى باش مەقسەت قىلغان ھالدا يەنە، خەلقئارادىكى مودا كىيىم-كېچەك ساھەسى، پەمىدۇر ۋە قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى ساھەسىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانغان تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى يۆتكەشكە بېسىم ئىشلىتىشنى ئاساسلىق ھەرىكەت پىلانى قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

كلويى خانىم 2020-يىلىدىن بېرىقى ھەرىكەتلەردىن بۇيان بىر قىسىم كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ مودا كىيىم-كېچەك ساھەسىدە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تازىلاشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى، بىر قىسىم ماركىلارنىڭ بۇنى ئالىقاچان ئەمەلىيلەشتۇرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللىشى بىلەن بۇنىڭ بىر قانۇنىي جاۋابكارلىقى بار ئىشقا ئايلانغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى بىر يۈزلىنىش بولدى، دەپ باھالىغان.

بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى كوگولاتى ئەپەندى سۆزىدە نوقتىلىق ھالدا بېلگىيە ھۆكۈمىتى ۋە مۇئەسسسەلىرىنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەر تۈرلۈك ئالاقىسىنىڭ كۇنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن نورمال ئالاقىسىنى داۋام قىلىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بېلگىيە پارلامېنتىدا بۇنىڭغا قارشى ھەرىكىتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر يىغىنغا ياۋروپادىكى ھەرقايسى تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلار قاتنىشىپ، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەردىن سوئال سورىغان.

كوگولاتى ئەپەندى بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتىيەسى ھەققىدە سوئال سورالغاندا، مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: «تېخى بىر قانچە يىل ئاۋاللا بېلگىيەدىكى سىياسەت دۇنياسى خىتايغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي قارشى ئېلىش پوزىتسىيەسىدە ئىدى. قىسقىسى، بىز خىتاينى قىزىل گىلەملەر بىلەن كۈتۈۋالاتتۇق. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئېغىر سۈكۈت بار ئىدى. ئۇ ھەقتە سۆزمۇ قىلغىلى بولمايتتى. لېكىن يېقىندىن بۇيان بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك سەپەرۋەرلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»

كوگولاتى ئەپەندى يەنە بۇ سەپەرۋەرلىك نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مۇشۇ ھەقتە قانۇن چىقىرىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە شۇ مەقسەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدا سۆز قىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقى، ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇ يىل 9-ئايدا تونۇشتۇرۇلىدىغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش تەكلىپ لايىھەسى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇلار يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ياۋروپادا مۇشۇ خىلدىكى قانۇنلارنىڭ چىقىرىلىشى ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆرنەك بولغانلىقىنى، بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشىدىغان قانۇننىڭ خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرنى تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇلار جاۋابلىرىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زەربە بېرىش، خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىشىنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئومۇمىييۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قوزغىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇللۇق ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش، دۇنيادا ئىنسانىي قىممەت قاراشلار ئاساسىدا تىجارەت قىلىشتىن ئىبارەت توغرا بولغان تىجارەت ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇشتىمۇ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.