غۇلجا شەھىرىدە بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئاچ قېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنى تىلغا ئېلىشى چەكلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا كەڭ تارقالغان بىر ۋىدىيولۇق ئۇچۇردا غۇلجا تەۋەسىدىن ئىكەنلىك ئېھتىمالى بولغان بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكى 3 جاننىڭ ئاچ قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ قېيىنچىلىقىنى بايان قىلىشىنىڭ ئالاقىدار خادىملار ئىكەنلىك ئېھتىمالى بولغان بىرقانچە كىشى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزىسىدىكى بىر ئايال ئۆزلىرىنىڭ 10 كۈندىن بېرى يېمەك-ئىچمەك قېيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكى، 9 ياشلىق بىر قىزىنىڭ ئوزۇق يېتەرسىزلىكىدىن ھۇشىدىن كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خىل ئەھۋالدىكى كىشىلەرنىڭ يالغۇز ئۆزلىرى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن بۇ خانىم ئاساسى قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ئاھالىلەرنى بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئىچىدە بىلىشكە ۋە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىمسلىققا زورلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان بىر ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشتە غۇلجا تەۋەسىدىن ئىكەنلىك ئېھتىمالى بولغان بىر ياشنىڭ ئائىلىسىدىكى 3 جاننىڭ ئاچ قالغانلىقى ھەققىدىكى غەزەپلىك شىكايىتى بايان قىلىنغان. ۋىدىيودا يەنە ئۇنىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىكەنلىك ئېھتىمالى بولغان بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ۋىدىيودىن يەنە بۇ ئاچلىق ئەھۋالى ۋە زارلىنىشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلىۋاتقان جىددىي ھالەت سەۋەبلىك يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.


بىز بۇ ئاچلىق ئەھۋالىنىڭ ئومۇمىيلىق دەرىجىسىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم ئۆز ئائىلىسىدە 7 جان بارلىقى، بۇلارنىڭ 10 كۈندىن بېرى يېمەك-ئىچمەكتە قېيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 4 كىچىك بالا بولغان بۇ ئائىلىدە چوڭلار بالىلارنى نەزەردە تۇتۇپ كۈنىگە بىر ۋاقتىن تاماق يەپ كۈن ئۆتكۈزگەن. بالىلاردىن بىرى يېمەك-ئىچمەك يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ ھۇشىدىن كەتكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنداق ئاچلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلەر قارادۆڭ يېزىسىدا كۆپ ساندا بولۇپ، ئاساسى قاتلام كادىرلىرى بۇ ئەھۋاللارنىڭ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىنىشى ياكى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغاچقا قېيىنچىلىقىنى مەلۇم قىلغان ئاھالىلەرگە سوغۇق مۇئامىلە قىلغان ۋە ئەھۋالنى ئىچىدە بىلىشكە زورلىغان. قارادۆڭ يېزا ئاھالىلىرىدىن ماھىرە ئىسىملىك بىر خانىم ئاھالىلەر رايونى كادىرلىرىغا ئۆيىدە كۆمۈر قالمىغانلىقىنى بايان قىلغىنىدا خادىملارنىڭ ئاچچىق تەنە گەپلىرىگە دۇچ كەلگەن. مەھەللىدىكى بىر مېيىپ كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەك تەلىپىمۇ رەت قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۇنى بۇ ئەھۋال ئۈستىدىن شىكايەت قىلماسلىققا كۆندۈرۈشكە بۇيرىغان.

ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان باشقا ئۇچۇرلاردا بەزى لاگېرلاردىكىلەرنىڭ 10 كۈنچە تاماقسىز قالغانلىقى بايان قىلىنسا، يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا بەزى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە قالايدىغان كۆمۈر قالمىغانلىقى ئۈچۈن مەشكە ئاياق-كىيىملىرىنى قالاۋاتقانلىقىنى پاش قىلىنغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئاتۇشتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىمۇ ئاھالىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئاچلىق مەسىلىسى، ئىقتىسادىي ئاساسىي ئاجىز بولغان، بولۇپمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كۈندىلىك قامدايدىغان ئاھالىلەردە ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا كۆرۈلمەكتىكەن.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، كوچا چارلاشقا بېكىتىلگەن خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى يالغۇز ئاھالىلەرنى يۇقۇملىنىشتىن توسۇشلا ئەمەس، بەلكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆز قېيىنچىلىقلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشتىن توسۇش، يەنى ئاتالمىش مۇقىملىقنى قوغداشتۇر. شۇڭا مەزكۇر ۋىدىيودا قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كىشىنىڭ ئۆزىنى توسۇۋاتقان خادىملارغا غەزەپلىك ھالدا يېنىش بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى تۈۋرۈككە ۋە يەرگە ئۈسۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاندىن تويغانلىقىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقى مەلۇم.
قارادۆڭدىكى مەزكۇر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئالاقىدار خادىملار يۇقىرىقىدەك توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شەھەردىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشى كىشىلەر، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك دۇكاندارلىرى، قېيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن ياردەم قىلماقتىكەن. ئۇلار بۇ ياردىمىنى خادىملار چارلاشتىن توختىغان مەزگىلدە، يەنى سەھەر ۋاقتىدا يوشۇرۇنچە ئېلىپ بارماقتىكەن.

 

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ