روشەن ئابباس خانىم رايس ئونۋىرسىتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىمەكچى

ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى خەۋىرى
2021-يىلى 2-نويابىر

مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېركىدىكى داڭلىق ئونۋىرسىتىتلارنىڭ بىرى بولغان رايىس ئونۋىرسىتىدا، ئۇيغۇر تارىخى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەش پااليىتى ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، لىكسىيەگە ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى روشەن ئابباس خانىم تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلىدۇ.

رايىس ئونۋىرسىتىتى، ئامېركىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى خوستون رايۇنىغا جايلاشقان داڭلىق ئونۋىرسىتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2010-يىلى ماتىريال بىلىملىرى تەتقىقاتىدا دۇنيا بويىنچە 1- ئورۇندا يەر ئالغان ٜ

ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلىدىغان بۇ لىكسىيەنى، رايىس ئونۋىرسىتىنىڭ تونۇلغان پروففىسورى دوچتور كىرايىگ كونسىدىيىن ئورۇنلاشتۇرغان ٜ

ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھىسابىدا بۇ لىكسىيە ھەققىدە توختۇلۇپ: “مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بەلكى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم داۋاگىرى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بۇ لىكسىيەسىگە رىياسەتچىلىك قىلىمەن ۋە روشەن ئابباس خانىمنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن” دىگەن.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ رايىس ئونۋىرسىتىدىكى لىكسىيەسى 4-نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ساەت بىردە باشلىنىدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.