راھىلە داۋۇت ۋە <<جاسارەت مۇكاپاتى>>نىڭ مەنىسى — 01
نويابىرنىڭ 9-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئايال رەھبەرلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك يىغىنى» جەريانىدا، خىتاي تۈرمىسىدىكى مىليونلىغان بىگۇناھ تۇتقۇنلاردىن بىرى بولغان دوكتۇر راھىلە داۋۇتقا لايىق كۆرۈلگەن «جاسارەت مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىغا داخىل بولغان ئىدۇق. ئاكسېل شىپرىڭگېر ئەركىنلىك فوندى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ مۇكاپاتنىڭ مەنىسى ۋە ھاياجېنى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتىغا ئەمدى نائىل بولدۇق. مۇھىم ئەربابلار ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان نۇتۇقلارغا ئائىت سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ھەم تەسىراتلارنى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئەمدى ئورتاقلىشىمىز.
.
گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، «ئايال رەھبەرلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك يىغىنى» ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن مەشھۇر سىياسىي ئاكتىپلار ئىران، ئاۋغانىستان, ئۇكرائىنا، كۇبا، گىئورگېيە قاتارلىق كۆپلىگەن ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە بەس-بەستە نۇتۇقلار سۆزلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىممۇ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىنسانلىق پاجىئەسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە توختالغان ئىدى. نۆۋەت ئاكسېل شىپرىڭگېر ئەركىنلىك فوندىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئانتىيېگە كەلگەندە، ئۇ 2026-يىللىق جاسارەت مۇكاپاتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر راھىلە داۋۇتقا بېرىلگەنلىكى جاكارلاپ، يىغىننىڭ كەيپىياتىدا باشقىچە بىر ھاياجان پەيدا قىلدى. زالدا گۈلدىراس ئالقىشلار ياڭرىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بەزى داڭلىق شەخسلەر تەسىرلىك بايانلارنى ئىپادە قىلدى.
.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم دوكتۇر راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەندە ۋە ئارقىدىن راھىلە داۋۇتقا ۋەكالىتەن «جاسارەت مۇكاپاتى»نى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتىشتى، زالدا يەنە بىرقېتىم گۈلدىراس ئالقىشلار قوزغالدى.
.
دوكتۇر راھىلە داۋۇت، ئۇيغۇرلۇق دەۋاسىدا بولغان، شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنى نىيەت قىلغان ياكى مىللىي ھەق-ھوقۇق كۆرىشىگە ئاتلىنىپ خىتاي بىلەن جىدەلگە كىرگەن بىر زىيالى ئەمەس ئىدى. «تەڭرىتاغ ژورنىلى»نىڭ مۇھەررىرى بولغان يولدىشى پولات ھىۋىزۇللاھدەك نادىر ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرگە مۇنبەر ھازىرلاپ بەرگەن مىللىيەتچى بىرىمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ مىللىي كىملىكنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن تىپىك زىيالىلاردىن بىرى ئىدى. بىراق خىتاي ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلدى. گويا «ئۇيغۇرلۇق يولىدا ئىزدىنىشنىڭ ھەرقانداق ۋارىيانتى جىنايەتتۇر» دېگەندەك. گېرمانىيە بولسا «جاسارەت مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلىدى.
.
دوكتۇر راھىلە داۋۇت ئۇچرىغان جازا ھەم مۇكاپاتنىڭ ئارقا پەردىسىگە چۇڭقۇر مەنالار يوشۇرۇنغان. بەلكىم بۇ ھەقتە داۋاملىق توختىلىمىز.
