دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالام!

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالام يوللايدۇ. خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك ئەندىشە ئىچىدە ئۆتىۋاتقان نوۋەتتىكى شارائىتتا يىتىپ كەلگەن بۇ خاسىيەتلىك قۇربان ھېيتقا مۇبارەك بولسۇن. ھەممىڭلارغا خەيرلىك، سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك تىلەيمىز. بۇ كۈندە بىز سىلەردىن ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ياد ئىتىشىڭلارنى سورايمىز، شۇنداقلا فاشىست خىتاينىڭ زومىگەرلىكى،  ۋە يالغانچىلىقلىرى ۋەجىدىن خىتايدىن تارقالغان بۇ ۋىرۇسنىڭ دۇنياغا بالايى-ئاپەت ئىلىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇشىڭلارنى سورايمىز .

ئىبراھىم ئەلەيخىسلام ئۆزىدىن كۈتۈلگەنلەر ئالدىدا زور ئىشەنچنى نامايان قىلغانغا ئوخشاش ، ھەر بىرىمىز ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنماقچى بولغاندا ۋە دۇنيادىكى رەزىللىكلەرگە يۈزلەنگىنىمىزدە، جاسارەت بىلەن ھەققانىي بولۇشنىڭ مەنىسىنى ئەستە ساقلىشىمىز لازىم. مۇقەددەس قۇرئانى كېرىمدە ئېيتقاندەك : « زالىملارغا مايىل بولماڭ ،  دوزاخ ئوتى سىزگە تېگىپ كەتمىسۇن ، ئاللاھتىن باشقا قوغدىغۇچىڭىز يوق ، ئۇ چاغدا سىزگە ياردەم قىلىنمايدۇ » ( قۇرئان كېرىم 11: 113 ) .

بۇ ئالاھىدە كۈندە ، بىز دۇنيا مۇسۇلمان جامائىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ زۇلۇم ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى تونۇپ – يېتىشكە ، ئىشەنچ ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ئۆز ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى دىنسىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى ئۇچۇن مەسئۇل بولۇشقا چاقىرىمىز. ئىسلام قىممەت قارىشى بىلەن ئورتاقلاشمىغان ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان زالىمنىڭ قولىدىن پايدا ئېلىشنى تاللاش ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك ھىساپلىنىدۇ .

ئۇيغۇر ھەركىتى ئىجرائىيە دىرېكتورى رۇشەن ئابباس بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنداق دېدى : « خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلام دىنىغا ئۇرۇش ئېچىشى، دەرھال كونترول قىلىنمىسا ، ئالدىمىزدا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىدىغان بالايى – قازالارنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالىدۇ.  ئۆزگىلىكنى، مەدەنىيەتنى ۋە دىننى دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئىنسانىيەتكە قارىتا جىنايەت يۈرگۈزىۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ رەزىل خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بىرلىككە كېلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر » .  رۇشەن ئابباس يەنە مۇنداق دېدى: « بۇ قۇربان ھېيتتا مەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى ياد ئىتىشىنى سورايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خوشال – خورام تەبرىكلەشلەرگە ئامالسىز قالغان يەنە بىر ئىسلام بايرىمى ئۆتۈۋاتىدۇ. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قاراڭغۇ زىندانلارغا سولاپ قويۇلغان، خورلىنىۋاتقان ، قىينىلىۋاتقان ، مېڭىسى يۇيۇلىۋاتقان، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قۇل قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا. بىز چوقۇم بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرىشىمىزنى داۋام قىلىشىمىز لازىم ».

بىز دۇنيا ئىسلام جامائىتىدىن ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارشى زۇلۇم قىلىۋاتقان بۇ ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىشىنى ئۆتۈنىۋاتقىنىمىزدا، بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ ، ئاللانىڭ سۆيگۈسىگە يېتىشكە تىرىشايلى.

بىز ئىسلام دىنىنىڭ ھەر بىر ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەققانىيەتكە ئىگە چىقىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرگە بولىشىنى تىلەيمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئالاھىدە كۈندە، زۇلۇم چىكىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلىشىڭلارى ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئادا بولىشىڭلارنى سورايمىز. قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

 

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺳﺎﺑﺮﯨﻨﺎ ﺳﻮﮪﺎﺋﯩﻞ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﺎﻱ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ