«بەخت باغچىسى» دىكى ئۇيغۇر بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغان بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقتىن يېتىم قالغان بالىلارنىمۇ «پەرىشتىلەر باغچىسى»، «ياتاقلىق مەكتەپ» دېگەندەك بالىلار لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. دوكتۇر ئادرىيان زېنىز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا مانا بۇ خىلدىكى ئورۇنلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆزىلا 800 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ جايلارنى «بالىلارنىڭ بەخت باغچىسى» دەپ تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەن.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان راندى شىركىتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى، ئامېرىكا جۇغراپىيەلىك بوشلۇق ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن بۇ يىل يازدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى دەپ قارىلىۋاتقان 380 دەك ئورۇننى كۆزىتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆزەتكەن بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ياتاقلىق مەكتەپ» ياكى «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دەپ سۈرەتلەپ كەلگەن بالىلار لاگېرلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ بازارنىڭ ئۆزىدىلا 100 گە يېقىن بۇ خىل ئورۇنلارنى تاپقان.

يېقىندا ئاقسۇ گېزىتىنىڭ بىر خەۋىرىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر ئىلىدا چوڭ تۇتقۇن باشلىنىش بىلەن تەڭ ھۆججەت چۈشۈرۈپ، قارانچۇقسىز قالغان «ياشانغانلار ۋە بالىلار» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

خەۋەردە يەنە، ئاقسۇدا يېتىم بالىلارنى بېقىشنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزگەنلىكى، «ياشانغانلار ۋە بالىلار» مەسىلىسىنى «ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان» لىقى يېزىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى سىم توساقلار بىلەن تورالغان، كۆزىتىش كامېرالىرى ئورنىتىلغان، سىرتقا پۈتۈنلەي تاقالغان «پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەندەك چىرايلىق ئىسىم قويۇلغان يەسلى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ بالىلار لاگېرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. ھەتتا ئەكسىچە بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەر مىللەت بالىلىرىنى زامانىۋى مائارىپ، دۆلەت تىلى بىلەن تەربىيەلەيدىغان باغچە ۋە مەكتەپلەر دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-سېنتەبىر «كەنت يەسلىسى بالىلارنىڭ بەخت باغچىسىغا ئايلاندى» دېگەن تېمىدىكى سۈرەتلىك تەشۋىقاتىدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى يۇقىرىقى بارىن كەنتىدە 2007-يىلى قۇرۇلغان يەسلىدە 134 بالا بارلىقى، ئۆلچەملىك كۆپ ئىقتىدارلىق مۇئەسسەسىلەر سەپلەنگەن ئازادە يەسلىنىڭ، يېزا بالىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بەخت باغچىسىغا ئايلانغانلىقى يېزىلغان. بۇ نۇقتا يەنە بالىلارنىڭ ھەر خىل ئويۇن ئويناۋاتقان، ناخشا ئېيتىۋاتقان دېگەندەك فوتو سۈرەتلىرى بىلەن يورۇتۇشقا تىرىشىلغان.

ھالبۇكى سۈرەتلەردىن يەسلىنىڭ ئىچ بېزىلىش ھەتتا تامغا چاپلىغان خىتايچە خەتلىك رەسىم، چاڭچىلە سۈرەتلىرىدىن ھەمدە تەربىيەچىلەرنىڭ ئاساسەن خىتايلار ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ يۈرەكنى ئېزىدىغان ئاۋازلار، يېقىندىن بۇيان تىك-توك قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ فەيسېبوك قاتارلىق ئىجدىماىي تاراتقۇلاردا بۇ خىلدىكى ۋېدىئولار ھەقىقدە قايتۇرغان ئىنكاس ۋە مۇنازىرىلىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تىك-توك ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن تارالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يەسلىلەردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرى ئىپادىلەنگەن ۋىدىيولار بولسا خىتاي تەشۋىقاتى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتىكەن. بۇ يۈرەكنى ئېزىدىغان ئاۋازلار، يېقىندىن بۇيان تىك-توك قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىمنىڭ كۈزىتىشىچە، بۇ ۋىدىيولارنىڭ بەزىلىرىدە، ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ ئازابلىق يىغلاشلىرى، روھىي كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىز، ئىنتايىن تەشۋىشتە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانىسا، يەنە بەزىلىرىدە خىتاي مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەي گاڭگىرىغان، قورقۇپ كەتكەن بالىلارنىڭ، كەمسىتىشكە ھەتتا تىل ئاھانەت، تەن جازالىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ ئىپادىلەنگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۈبەيرە خانىم، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىشنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغان روھىي ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلەچىكىگە پەيدا قىلىدىغان تەھدىتىدىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىپ:

«بالىلارنى ئاتا-ئانىلاردىن مەجبۇرىي ئايرىپ، خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىۋاتقان، بۇ خىل خىتاي يەسلى مەكتەپلەرنىڭ ماھىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقي قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەيدانى» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەدىكى قەلبىنۇر، 2017-يىلى 6 ئايلىق ھامىلىسىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن 5 بالىسىنى ۋەتەندە قويۇپ تۈركىيەگە كېلىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي لاگېرلار باشلىنىپ ئۇ يۇرتىغا قايتالمىغان، بالىلارمۇ شۇندىن بۇيان غايىب. ئىككى يىل ئاۋۋال قەلبىنۇر خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان خوتەندىكى «پەرىشتىلەر يەسلىسى» دە سۈرەتكە ئېلىنغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئارىسىدىن، 3 يېرىم يېشىدا ئايرىلغان قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ تونۇۋالغانىدى.

شۇنىڭدىن بۇيان قەلبىنۇر، ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقالغان ۋىدىيو ۋە سۈرەتلىك خەۋەرلەردىن ئۆزىنىڭ 5 پەرزەنتنىڭ سىيماسىنى ئىزدەشنى كۈندىلىك ئادىتى قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئەپسۇس ئۇ پەرزەنتلىرىدىن باشقا ھېچ قانداق ئۇچۇر ئالالماي كەلمەكتىكەن.

قەلبىنۇر خانىم گەرچە يىللاردىن بۇيان دەردىنى دۇنياۋى مەتبۇئات ۋە تەشكىلاتلارغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئائىلىلىرى پارچىلىنىپ، سەرسان بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇمنىڭ تېخى دۇنياغا ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىلمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىنگلىزچە ئۆگىنىشكە بەل باغلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يېقىندا لوندوندا تاماملانغان ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئىسپاتلىق بەرگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش ھەرىكىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بولۇپمۇ لاگېرلار مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادرىيان زېنز «ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىگە خاتىمە بېرىش» تېمىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىمۇ خىتاينىڭ لاگېرلارنى قۇرۇشقا باشلىغاندىن ياتاقلىق مەكتەپ، يەسلىلەردىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانىنىڭ 800 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ۋە بۇ خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم يەنە: «ئۇيغۇر بالىلىرى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى بولۇپلا ئۇلارمۇ ئىنسان بالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاشلا دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرىدۇر. شۇڭا دۇنيا جامائەتچىلىكى، ھەر ساھەنى ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشى ھەمدە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى زۆرۈر» دەپ خىتاب قىلدى.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «خەلقئارا مەسىلىلەر» ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قول قويغان ‹بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» غا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنى سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.