ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى يەر شارى سىياسىتى مەركىزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك توغرۇلۇق يېڭى دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ يەر شارى سىياسىتى مەركىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانى توغرىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ.

مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ تەپسىلىي مەشغۇلات پىلانى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئامېرىكىدىكى بىر قانچە شىركەت داۋاملىق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا قارشى لوبىچىلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا ، ئۇيغۇر رايونىدىن خام ئەشيا سېتىۋېلىشقا ئەمدى ھېچقانداق باھانە يوق. ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ زوراۋانلىق ئېنىق جەزملەشتۈرۈلۈۋاتقان بولغاچقا، شىركەتلەر ئەمدى بۇرۇنقىدەك سودا قىلىۋېرىشكە ئامالسىز. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى چىقىرىپ تاشلاش خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىنكاسى دەپ قارىلىشى كېرەك. دوكلاتتا يەنە «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئاپتوبۇسى ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار ۋە ئاياللار…» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلاردىن ئىبارەت.  ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى رۇشەن ئابباس تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «زامانىۋى قۇللۇق بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق زىچ باغلىنىپ كەتكەن. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ۋەھشىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش تىرىشچانلىقىغا قارشى تۇرۇش تولىمۇ پەسكەشلىك، ئۇنى بىۋاسىتە خىتايغا شېرىك بولغانلىق دەپ قاراشقا بولىدۇ».

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ رايوننىڭ ھەر قانداق يېرىدىن چىققان پاختا مەھسۇلاتىنى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقىرىشى كېرەك» دېگەن تەكلىپكە تامامەن قوشۇلىدۇ. چۈنكى بۇ رايوندىن چىقىدىغان پاختا خىتاي پاختىسىنىڭ تەخمىنەن 85 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا ، بۇ بۇيرۇق غايەت زور تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. باشقا دۆلەتلەرمۇ يۇقىرىقى تەكلىپكە ئاساسەن شۇنداق ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك قائىدىلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى نازارەت قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەمما بۇنى قىلماي بولمايدۇ. ئەخلاق-ۋىجداننىڭ پۈتكۈل دۇنياغا، بولۇپمۇ كىيىم-كېچەك سانائىتىگە بولغان تەسىرى كىشىلەرنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىللىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى خىتاي چېگراسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. بۇ پەقەت ئۇيغۇر خەلقىگىلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر، خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشلىرىغا چوقۇم ھەل قىلغۇچ ئۇسۇلدا جاۋاب بېرىش كېرەك.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، بىز بۇ زامانىۋى دۇنيادىكى قۇللۇقنىڭ نورماللىشىشىغا قارشى تۇرۇشىمىز ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن بىر تالاي جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

One Response

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺳﺎﺑﺮﯨﻨﺎ ﺳﻮﮪﺎﺋﯩﻞ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﺎﻱ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ