ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەنداننىڭ BBC تاللىغان «2020-يىل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز ئايال» تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەنداننىڭ BBC تاللىغان «2020-يىل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز ئايال»تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. مۇيەسسەر قۇرغان «ئايخان مائارىپى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغان ئوقۇتۇش ئورنى بولۇپ، چەت ئەلدە پاناھلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلغان. بۇ ئۇيغۇرلار چەت ئەلدە تۇرۇپ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىملارغا دۇچ كەلگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم مۇيەسسەرنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:«خەلقىمىزنىڭ بېشىغا قانداق ئىشلارنىڭ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر مۇيەسسەر ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاش قېلىش ئۈچۈن تىرىشتى، ئايخان تىل تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇپ ئۇيغۇر بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگەتتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان رومان يازدى. مۇيەسسەرنىڭ ئەمگىكى بىزگە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۈچىنى تونۇتىدۇ، مەن مۇيەسسەرنىڭ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ئىلھام بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن».

چەت ئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ قورقۇنچلۇق جىنايەتنى توختىتىشقا، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىمىز».

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خادىملىرى يېقىندا تۈركىيەگە قىلغان سەپىرىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي كىرزىسنى ھەل قىلىش بىرگە ئۇلارنىڭ مەنىۋى مىراسلىرى، يەنى تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش جەھەتتە ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى؛ سۆھبەت داۋامىدا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرۇلۇق ئىجادىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پاراسىتى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسىگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ.

بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان بارلىق شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا ئىلھام بېرىمىز. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلغانلارنى زۆرۈر ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەشكە داۋاملىق تىرىشىدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ