ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى خۇشال قىلدى. چۈنكى ئىسمى بار جىسمى يوق بۇ تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ چوڭ باھانىسى بولۇپ كەلگەنىدى. خىتاي گۇناھسىز ئۇيغۇر خەلقىنى مەزكۇر تەشكىلات بىلەن باغلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە ئېتىقادىغا ھۇجۇم قىلىپ  كەلدى.

بۇ قارار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئامېرىكىنىڭ   سىياسىي ۋەزىيىتى ئۆزگەرسىمۇ، خىتايدىن داۋاملىق ھېساب ئالىدىغان نىشانى ئۆزگەرمەيدۇ.

كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى گەرچە خىتاينىڭ قەستەن چىشىغا تەگكەنلىك بولسىمۇ، شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى قارارى خىتايغا باش ئەگكەنلىك ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرغا زىيانكەشلىك  قىلىشقا ۋە بۇنى ئاقلاشقا باھانە تېپىۋالغان بولۇپ، بۇ پاجىئە ئاخىرى بېرىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى.

خىتاي ھەرگىز خەلقئارا ئىتتىپاقداشقا ئايلىنالمايدۇ، ھەم ئايلانماسلىقى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئىسلاھاتنى رەت قىلىدىغان، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئادىل، ئوچۇق  مۇناسىۋەت قىلمايدىغان، ئىنسانغا ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى. بىز بۇ رېئاللىقنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۆز ئېتىقادى ۋە ئەركىنلىكى بىلەن ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «ئەسەبىي ئۇنسۇر»دەپ قارىلىنىپ كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خىتاينىڭ يالغانچىلىقىغا داۋاملىق رەددىيە بېرىدۇ ھەمدە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولماسلىققا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بىز كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىشىنى، دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى خىتايدىن ئىبارەت بۇ غەيرىي مەخلۇقنىڭ قولىدىن قايتۇرۇپ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ تارىخ ئالدىدىكى ۋەدىسىنى بۇزۇپلا قالماي، دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئىنسانلىق غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلدى». ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقاندا ھەر قانداق دىيالوگ ۋە سۆھبەتلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەك. ئامېرىكا چوقۇم خەلقئارادىكى يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغدىشى، ۋاقتى كەلسە خىتاينىڭ «دوستلۇق»نىقابى ئاستىدا ئېلىپ بارىدىغان تېررورلۇق قىلمىشىلىرىنى تازىلىشى كېرەك.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺳﺎﺑﺮﯨﻨﺎ ﺳﻮﮪﺎﺋﯩﻞ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﺎﻱ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ