«نيۇ-يورك مودا كىيىم ھەپتىلىكى» دە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نيۇ-يورك شەھىرى «مودا كىيىم ھەپتىلىكى» نىڭ ئېچىلىش كۈنىدە ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 13-سېنتەبىر، نيۇ-يورك.Social Media

9-ئاينىڭ 13-كۈنى نيۇ-يورك شەھىرى «مودا كىيىم ھەپتىلىكى» نىڭ ئېچىلىش كۈنىدە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى مودېللار بىرلەشمىسى، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نيۇ-يورك شەھىرى دۇنيادىكى تۆت مەشھۇر مودا مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ نامايىش مودا كىيىم كۆرگەزمىسى بولۇۋاتقان بىنانىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇھىم ھەسسە قوشقان مودېللار بىرلەشمىسىدىن يەتتە-سەككىز مودېل بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان.

بۇ نامايىشقا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، مودېللار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى سارا زىف، ئەركىنلىك بىرلەشمىسىنىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى ھېرانا ئەدىسۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى مۇساب قاتارلىقلار قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

ئالدى بىلەن روشەن ئابباس خانىم سۆز قىلىپ، بۇ ئەركىن زېمىندا، بۇ چوڭ شەھەردە، بۇنداق كاتتا مودا كىيىم ھەپتىلىكى بولۇۋاتقان كۈندە سەنئەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ، غايە بىلەن رىياللىقنىڭ روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئەسلى مەقسەتكە ئۆتكەن. ئۇ دۇنيادىكى پاختا باھاسىنىڭ ئەسلىدىكى باھادىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى، كۆز يېشى ۋە ئۆلۈمى مەۋجۇت بولغان يەردە مودا ۋە گۈزەللىك دېگەن نەرسىنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ 3 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىدا قول ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىلمۇ خىل قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن خورلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەنلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ، تىرىكلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ تامامەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغان ئاشۇ داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كۆرسەم يۈرىكىم پىچاق تىققاندەك ئېچىشىدۇ. مېنىڭ ھەدەم پېنسىيەگە چىققان دوختۇر ئىدى، ئىككى يىل بۇرۇنقى مۇشۇ ھەپتىدە تۇتۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ نېمىشقا تۇتۇلغانلىقى، نەدە تۇتۇلغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم ئۇ خىتاينىڭ لاگېرىدا ئاشۇ كىيىملەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق، بىر دوختۇر سىلەر ئۈچۈن كىيىم ئىشلەپچىقىرىدىغان قۇل قىلىندى. ئۇنداقتا، ھەدەمنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈشكە شېرىك بولۇۋاتقان خوجايىن كىم؟»

ئۇ ئامېرىكالىق بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ دۆلەتتىكى ئەركىنلىك ۋە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدىغان جەمئىيەتتىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغۇچىلارنى ھەر پۇرسەتتە تەنقىدلەپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ سۈيقەستىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ھوللىۋود، NBA (ئامېرىكا ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى)، دىسنېي، Netflix (توردا فىلىم تارقىتىش شىركىتى)، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ھارام پۇلى مودا گۈزەللىكى ۋە ئىنسانلىق غۇرۇرى بىلەن ئەسلا سىغىشالمايدۇ. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئالدىدا بىز بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.»

نيۇ-يورك شەھىرى «مودا كىيىم ھەپتىلىكى» نىڭ ئېچىلىش كۈنىدە ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 13-سېنتەبىر، نيۇ-يورك.Social Media

روشەن ئابباس خانىم بۇ نامايىشتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، جۈملىدىن قۇل ئىشچى مەسىلىسىنى سىياسەتچىلەرگىلا ئەمەس، ئاۋام خەلققە، بولۇپمۇ مودا كىيىم ساھەسىدىكى كىشىلەر ۋە بۇنىڭغا قىزىققۇچىلارغا بىلدۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ پەقەت سىياسىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى دىنىي مەسىلە، ئىجتىمائىي مەسىلە، ئىقتىسادىي مەسىلە، مەدەنىىيەت-سەنئەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ شۇ ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مودېللار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى سارا زىف بۇ نامايىشتا سۆز قىلىپ، دۇنيادىكى 20 پىرسەنت پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايدا قۇل ئىشچى قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىدىن كېلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مودېل مەرداننىڭمۇ لاگېردا ئەمگەككە تۇتۇلغانلىقىنى، خىتاينىڭ مودا كىيىم ساھەسىدىكى مال تەمىنلەش زەنجىرى ۋە بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەمدى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ نامايىشقا قېتىلغان مودېللار، مودا كىيىم لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ ھەق تەرەپتە تۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، پارىژ، لوندون ۋە مىلاندە ئۆتكۈزۈلىدىغان مودا كىيىم ھەپتىلىكى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ نامايىشنىڭ بىر ياخشى باشلىنىش بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە تىۋىتتېر ھېسابىدا «بىز نيۇ-يورك مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىۋاتقان لايىھەلىگۈچىلەرنى ئۆز ئەسىرىدىكى ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئىجادكارلىق ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ماتېرىيالنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىمۇ گەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز،» دېگەن.

ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى مۇساب بۇ نامايىشتا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە شېرىك بولغان شىركەتلەرنىڭ داۋاملىق سودا قىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ قۇل قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەر ۋاقىت ھەق تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نيۇ-يورك شەھىرى «مودا كىيىم ھەپتىلىكى» نىڭ ئېچىلىش كۈنىدە ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 13-سېنتەبىر، نيۇ-يورك.Social Media

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ نامايىشتا قىلغان سۆزىدە لاگېرلار ۋە قۇل ئىشچى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن تارتىپ كارخانىچىلارغىچە، ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تارتىپ سەنئەتكارلارغىچە ھەممىسىنى قۇل ئىشچى قىلىۋەتكەنلىكىنى، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، يېڭى ئائىلە قۇرىدىغانلارنى قۇللۇققا مەھكۇم قىلغانلىقىنى، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ خىتايچە تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. داڭلىق ماركا ئىگىلىرىنىڭ ئاشۇ قۇل ئىشچى قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈش جىنايىتىگە شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئاندىن ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى شىركەتلەرنى بۇ جىنايەتتىن قول ئۈزۈپ، ھەق تەرەپتە تۇرۇپ، خىتايغا ئورتاق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ نامايىشقا قاتنىشىش تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ناھايىتى ۋاقتىدا ۋە ئۆز جايىدا قىلىنغان نامايىش بولدى. شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ماركىسىغا ۋە ئوبرازىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەمما بىز بۇ ماركىلاردا سېتىلىۋاتقان كىيىملەرنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىدا قۇل ئىشچى قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگىكىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك ئىدى، بىلدۈردۇق، بۇ زۇلۇمنىڭ يىراقتا ئەمەس، ناھايىتى يېقىندا، كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى دۇكانلاردا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتۇق.»

ئۆمەر قانات ئەپەندى كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن يەنىلا سودا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم ئاشكارا بولغان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە بۇنداق ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنى قەتئىي توختىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ خىل نامايىشنىڭ نيۇ-يوركتىلا ئەمەس، باشقا شەھەرلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەگەر دۇنيا مىقياسىدا قۇل ئىشچى مەسىلىسىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۈچەيسە، داڭلىق ماركىلىق شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن «خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىئالوگى» دەپ ئاتالغان بېرلىندىكى خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىز! ئوندىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىز ئۆز

خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى يىغىنى بېرلىندا باشلاندى

خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى يىغىنى بېرلىندا باشلاندى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى سۆھبەت يىغىنى» بۈگۈن 14-نويابىر

چېخىيە دۆلەتلىك مۇزىيىدا

رۇشەن ئابباس، رەھىمە مەھمۇت ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار 12-نويابىر دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدىكى مەشھۇر شەخسلەر شەرىپىگە پراگادىكى دۆلەتلىك مۇزىيدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتكە داخىل بولدى.

رۇشەن ئابباس خانىم چېخىيە پرىزدېنتى پېتىر پاۋېل بىلەن كۆرۈشتى

رۇشەن ئابباس خانىم چېخىيە پرىزدېنتى پېتىر پاۋېل بىلەن كۆرۈشتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار 12-نويابىر چېخىيە پايتەختى پراگادىكى «پراگا قەلئەسى»

خەلقىمىزگە مۇستەقىل ئۈچۈنچى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇپ، ئەركىن ياشاش نېسىپ بولسۇن

شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا 1933-يىلى 12-نويابىر ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ خاتىرە كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن! شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن باتۇرلارچە كۆرەش قىلغان شېھىدلىرىمىزنىڭ روھى شاد

رۇشەن خانىم «ئاتلانتىك كۆۋرۈكى ئەركىنلىك مۇنبىرى»دا

رۇشەن خانىم «ئاتلانتىك كۆۋرۈكى ئەركىنلىك مۇنبىرى»دا بېرلىندا 11-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن «ئاتلانتىك كۆۋرۈكى ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم باشقا ئەللەردىن كەلگەن مەشھۇر شەخسلەر بىلەن بىرگە

رۇشەن خانىم بېرلىن ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلماقتا

رۇشەن خانىم بېرلىن ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلماقتا رۇشەن ئابباس خانىم بېرلىن ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول نېفت، تەبىئىي

رۇشەن خانىم بېرلىندا چاقىرىلغان «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى»دا

رۇشەن خانىم بېرلىندا چاقىرىلغان «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى»دا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن