شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلار ھەممىنى ئىنكار قىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلار تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

3‏-يانۋار خىتاينىڭ شەرقىى تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلىرى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى ۋە تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان قورچاق ئەمەلدارلاردىن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى پەرھات روزى بىلەن ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت‏-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى ئابلىم نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. مەزكۇر قورچاق ئەمەلدارلار ھەقىقەتنى بۇرمىغان ھالدا بىلجىرلاپ: «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئېلان قىلغان خەۋەرنىڭ ئاساسى يوق، پۈتۈنلەي توقۇلما» دېدى.
ئۇ ئىككىسى يەنە دۇنيا خەلقىگە ئېنىق ئايان بولغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلجىرلىدى: «كىشىلەرنىڭ يوقاپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي خىزمەتچىلىرى «قوشماق تۇغقان» نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى يوق. مەسچىتلەرنى چاقمىدۇق، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس».
نيويورك ۋاقىت گېزىتى بۇندىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان پەرزەنتلەرنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىپ خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقى، بىر يىل ئىچىدە ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ بەش يۈز مىڭغا يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دەپ سۈپەتلەشكە باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى ھەمدە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

خىتاي ئىقتىسادى داۋاملىق يىمىرىلمەكتە

خىتاي ئىقتىسادى داۋاملىق يىمىرىلمەكتە فرانسىيە ئاۋازىنىڭ 6-مايدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بوغۇپلا قالماي، مۇلازىمەت كەسپىگە بولغان ئىشەنچنىمۇ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرۈپ

رۇشەن ئابباس خانىم لوس ئانجېلېستا

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ھەپتە ئاخىرىسى نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى Dr. David Gross and Dr. John H. Schwarz بىلەن لوس ئانجېلېستا ئۇيغۇرئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتتە

سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى ھەققىدە نەشرىياتنىڭ بايانلىرى

«سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ھەققىدە نەشرىياتنىڭ بايانلىرى «سۇنماس: بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋېتى بىلەن، نەشرىيات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرقىسىم بېغىشلىمىلار: »

گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان خىتاي جاسۇسى رەسمىي ئەيىپلەنگەن

گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان خىتاي جاسۇسى رەسمىي ئەيىپلەنگەن گېرمانىيەدىكى «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» ناملىق ئوڭچىل پارتىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ماكسىمىلىيان كراھنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان جىئەن.گ ناملىق خىتاي 2019-يىلىدىن 2024-يىلى 4-ئايدا

„سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى“ ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا

„تەۋرەنمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى“ ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىگىلمەس-سۇنماس كۆرەش

خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تور ھۇجۇملىرى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە

خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تور ھۇجۇملىرى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە «خىتاينىڭ نىشانى» ناملىق تەتقىقات پروگراممىسىغا ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا قىتئەلىرىدىن «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»، «ئەينەك» ژورنىلى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «چىگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى»، «قوغدىغۇچىلار»

كەسكىنلىشىۋاتقان ھەربىي رىقابەت ۋە 3-دۇنيا ئۇرۇشى

كەسكىنلىشىۋاتقان ھەربىي رىقابەت ۋە 3-دۇنيا ئۇرۇشى شىۋېتسىيەنىڭ ئاقىللار ئامبىرى بولغان <<ستوكھولىم تېنىچلىق تەتقىقات ئورنى>>نىڭ 28-ئاپرىلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يەرشارىنىڭ ھەربىي چىقىمى 2024-يىلى 9.4% ئۆرلەپ، 2 ترىليۇن 700 مىليارد دوللار

خىتاي ئۇدا 6 يىل زالىملىقنىڭ ئۈلگىسى بولدى

خىتاي ئۇدا 6 يىل زالىملىقنىڭ ئۈلگىسى بولدى خىتاي ھاكىمىيىتى 2014-يىللىرىدىن باشلاپلا شەرقىي تۈركىستاندىكى يازارلار، زىيالىلار، تور ساھىپلىرىنى تۇتۇپ سولاشقا باشلىغان بولۇپ، 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان ئىلھام توختى