سايلام كۈنى: ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش كۈنتەرتىپكە كىرەمدۇ؟

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى دېموكراتىك جەمئىيەت ئاتا قىلغان ئالاھىدە ھوقۇقنى، شۇنداقلا ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخسلەرنى سايلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق دېموكراتىك جەمئىيەتكە تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، بىز دېموكراتىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغدايمىز. ئىنسانلارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقى تارتىۋېلىنىغاندا بۇ خىل رەزىل ئىدىيە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرگە يول ئېچىپ بېرىدۇ، بىز دەل ئەنە شۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرۈۋاتىمىز.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقى تارتىۋېلىندى، ئۇلارنىڭ زېمىنى مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئېغىر دەرىجىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، دۇنياۋى ماركىلار ئۈچۈن زامانىۋى قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئامېرىكىغا مەيلى كىم پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسۇن، كەلگۈسى تۆت يىلدا ئۇ پرېزىدېنتنىڭ يېڭى ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ قەبىھ جىنايىتىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. گەرچە دۇنيادا مۇكەممەل بىر سىياسىي سىستېما بولمىسىمۇ، بىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاۋازىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىبلىسنىڭ جىنايەتلىرىنى توسۇپ، ئىنسانلار بالا-قازادىن ئامان قالىدىغان سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز.  سايلام جەريانىدىكى مالىمانچىلىقلارنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلار باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدىغان بىر رەھبەرنىڭ سايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ رەھبىرى سايلىنىدۇ، بىز كىمنىڭ كىمگە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. كەلگۈسى 4 يىلدا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىزمۇ؟

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

One Response

  1. Uyghurlarda » ash bolsa qazan , jan bolsa jahan » digen hikmetlik söz bar. Shunga eng awal barliq imkaniyetlerdin paydilinip xelqimizni qutuldurush üchün küresh qilmiqimiz lazim.»Uyghur herkiti teshkilati » bu yolda ajayip esil xizmetlerni qiliwatidu Alla ulardin razi bolsun.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى 8-ماي ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا پارلامېنتىنى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى مەركىزى ۋاشىڭتوندا بولغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 28-ئاپرىلدىن 7-مايغىچە ھىندونىزىيەنىڭ بىرقاچە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى. ئوبزوردا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى ئوقۇغۇچى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 7-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىت «ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى 6-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا مۇھىم يىغىنغا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى ھەمدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن سابرىنا سوھائىل

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى 6-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى سايلامغا 630 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، مەخپىي بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا باش مىنىستېر نامزاتى فرىدىرك

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى» 5-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىدار بولغان ساھەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى