سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئۇچراشتى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل ئەۋج ئېلىۋاتقان «ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ مايك پومپېيونى ئەيىبلەش سىياسىي ھەرىكىتى» جىددىي داۋام قىلىۋاتقاندا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىنى ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر شاھىتلارنى قوبۇل قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئ‍سى نەنسى پېلوسى خانىم يېقىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن تور ئارقىلىق ئۇچراشقاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم بولغان يۈزتۇرانە ئۇچرىشىش ئىكەن. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا قاتناشقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئ‍ابباس بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغاندا بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بەكمۇ خۇرسەن قىلىدىغان بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئاساسلىق تېما ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە تاشقى دۇنيانىڭ بۇ پاجىئەلەرنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەسىلىسى بولدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مايك پومپيو ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى داۋاملىق كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە داۋاملىق قولىدىن كېلىشىچە ئادالەتنى ياقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئانتونىي بىلىنكېننىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇش مەسىلىسىدە ئۆزى بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى ئىشتىراك قىلغان يەنە بىر ۋەكىل «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ خادىمى جۇلىي مىلساپ خانىممۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن بەكمۇ ھاياجانغا چۆمگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆزلەپ ئۆتتى. (ئاۋاز قىسقا) بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يولىدا كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بۇ زات بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بىر پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە تىلغا ئالدى.

ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مايكىل پومپېيوغا «پولات» دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇش ئارقىلىق ئۆزلىىرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەندە ئۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇچرىشىشلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تېگىشلىك ئىجابىي رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپنىڭ چەت ئەل تاۋارلىرىغا قويغان تاموجنا بېجى جازاسىنىڭ مۇددىتى 7-ئايدا توشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىك

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا بۈگۈن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ دۆلەتلەردە، بۇندىن 37 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر، باياناتلار

خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

«خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نورۋېگىيەدە چاقىرىلغان 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېگەن

دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار مۇنبىرىدا 

«دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» مۇنبىرىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ «دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرىدە سۆز

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، CFU تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى ئىشلار يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمى Franz Matzner، مەھلىيا چەتىنكايا ھەمدە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى

نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى بىگۇناھ تۇتقۇن گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ

تۆمۈر قائىدىلەر خىتاي ئارمىيەسىنى قۇتقۇزالامدۇ؟

«تۆمۈر قائىدىلەر» خىتاي ئارمىيەسىنى قۇتقۇزالامدۇ؟ خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى 27-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن جۇڭنەنخەينىڭ «تۆمۈر قائىدىلەر» نى بېكىتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. فرانسىيە