روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسىدە دوكلات بەردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىنقى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتىسىدىن ئۆتۈشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىن ۋە يىغىلىشلار كۆپەيمەكتە. كورونا ۋىرۇسى ھەممىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بۇ پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا.

17-ماي كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ مىنياپولىس شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم «قۇل ئىشچى قىلىنغان ھەدەمنىڭ ئەمگەك مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغۇچىلار كىملەر؟» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.

روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىش پائالىيىتى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ يېقىندىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

17-ماي كۈنىدىكى دوكلاتنىڭ نىشانى ئامېرىكا خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرىشى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، ئۇلارنى ئويغىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان شتاتتىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىكەن. ۋىرۇس تۈپەيلىدىن زووم ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە 30 نەچچە كىشى قاتناشقان بولۇپ، باشقىلار سىرتتىن ئاۋاز ئارقىلىق ئاڭلىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، دوكلاتتىن كېيىن ئاڭلارمەنلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر ئەھۋالى توغرىلىق بۈگۈنكىدەك تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلىمىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار كەلگەن بولۇپ، بەزىلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز دېگەندەك سەمىمىي نىيەت ۋە ئىرادىلىرىنى نامايان قىلغان.

روشەن ئابباس خانىم بۇ دوكلاتىدا لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ قۇل ئىشچى ئورنىدا ئېزىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن بۇ دوكلاتنى تەييارلىغانلىقىنى، يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارانىڭ مەسىلىگە دىققەت نەزەرىنى ئاغدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

روشەن ئابباس خانىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىكى بۇ زۇلۇمنى خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئاڭلىتىشتا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى، بىر مىللەتنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ يوقىلىپ كېتىش خەۋپى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى پاكىت بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە داۋاملىق تەكىتلەشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوكلات بېرىۋاتقان چاغدا خىتاي خاككېرلىرى بىر نەچچە قېتىم تور ھۇجۇمى قوزغىغان بولۇپ، ئېكرانغا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن بىللە دۆلەت شېئىرىنى چىقىرىپ قويغان ياكى قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ھاقارەت قىلغان. روشەن خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بۇ رەزىل ۋە پەسكەش قىلمىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ نومۇسسىزلىقىغا روشەن پاكىت بولۇپ قالغان.

روشەن ئابباس خانىم يېقىندىن بېرى ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق پائالىيەتلەر بىلەن بەك ئالدىراش ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارىماي داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۇنيادىكى 150 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىكەن. بۇ قېتىم مەزكۇر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشقان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشتا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، روشەن ئابباس خانىم 13-ماي ئامېرىكانىڭ ئېستونىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇرلار توغرىلىق دوكلات بېرىش يىغىنىدىمۇ دوكلات بەرگەن ئىدى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24-يانۋاردىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى باياناتىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شى جىنپىڭدىن كېيىنكى

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايانلىرىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغان 9 نەپەر ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىغا خىتاينىڭ چىدىيالماي

رۇشەن خانىم خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

رۇشەن خانىم خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى يانۋارنىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق: مەنىۋىي دېپلوماتلارنىڭ يۈكسېلىشى» ناملىق

مەرز دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى

مەرز دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى داۋوستا چاقىرىلغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەرز، دۇنيانىڭ 80 يىلدىن بۇيانقى تەرتىپلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن بىشارەتلەر بېرىپ

خىتاينىڭ «ئامېرىكا زومىگەرلىكى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈزەل ھاياتى» تەشۋىقاتى

خىتاينىڭ «ئامېرىكا زومىگەرلىكى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈزەل ھاياتى» تەشۋىقاتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىكى تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئامېرىكىدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى «گۈزەل ھايات»، «يۈكسەك تەرەققىيات»نى سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىپ،

رۇشەن خانىم كانادا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن

رۇشەن خانىم كانادا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋۋاشىنگتوندا كانادا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتتە بولدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلدى

«تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلدى يانۋارنىڭ 20-كۈنى گېئورگېتوۋن بارنېس & نوبلې (Georgetown Barnes & Noble) كىتابخانىسىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس

غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خىتاي ئەلچىخانىسى — ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نىڭ ئاچقۇچى

غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خىتاي ئەلچىخانىسى — ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نىڭ ئاچقۇچى رويتېرىسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە باش منىستىرى رودنەي ستارمەر (Rodney Starmer) ) خىتاينىڭ لوندۇندا قۇرماقچى بولغان غەربىي