روشەن ئابباسنىڭ «ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان گۇرۇپپىلىرىدىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا چاقىرىق» يىغىنىدىكى نۇتۇقى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم، بۈگۈن مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئوبدان ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ، ھەقىقىي دوست ئاغرىتىپ سۆزلەيدۇ، چۈنكى ھەقىقەت ئاچچىق. سىياسى ساداقەت ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈممەتنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەكمۇ؟ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىدىن قەستەن مەھرۇم قالدۇرۇلدى. مۇسۇلمانلار جامائىتىمۇ خىتاينىڭ دۇنيانى قاپلىغان يالغان تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشرىسىنى تونۇپ يەتكەن بولسا، بېشىمىزغا كەلگەن زۇلۇملانى ئاڭلاتقان ۋاقتىمىزدا بىزنى قوللىغان بولاتتى.  ئەمما بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلاردىن ئۈمىدسىزلەندۇق، مەن ئۇلارنىڭمۇ كەلگۈسىدە بىزگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالماسلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغىنىمدا دائىم خىرىسقا ئۇچرىدىم. خىتاينىڭ ھەر يەردە كىشىلەرنى سېتىۋېلىش ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىش مەسىلىسى مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى! ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى.

مېنىڭ بىگۇناھ ھەدەم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى. 2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەدەم توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر يوق.

خىتاينىڭ باشقا خەلقلەرگە قانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئوبدان قاراڭلار ۋە ئاگاھ بولۇڭلار! بۇ قىرغىنچىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن توختاپ قالمايدۇ.  خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بېسىپ ئۆتكەن ھەر جايدا  مۇسۇلمانلارنىڭ قان داغلىرى بار. بېرما ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈردى. خىتاي بۇ دۆلەتنىڭ رەھبىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، شۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقى ئۈچۈن، توقۇنۇشنى كۈچەيتتى. ئوتتۇرا شەرقتىن تارقالغان ۋىدىيولاردا ئەرەب مۇسۇلمان بالىلىرىنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت ھالدا خىتاي دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ يۈرۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز! ئۇلار بۇ ناخشىلىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ سادىق بەندىسى بولۇشنىڭ ئورنىغا خىتاي دۆلىتىگە سادىق بولۇش ۋەدىسى بېرىۋاتىدۇ! بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىمىزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار!

نۆۋەتتە، ئافرىقا ، ئوتتۇرا شەرق ۋە پاكىستاندىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن مەن شۇنى سورايمەن: ھېچقانداق دىنغا ئىشەنمەيدىغان، باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قىلچە قەدىرلىمەيدىغان ئاتېئىزىم ھاكىمىيىتى سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارنىڭ ئىقتىسادىنى كونترول قىلىۋالغاندا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى سىلەر ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ سىلەر خىتاينىڭ ئاللىبۇرۇن ۋىجدانىڭلارنى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىڭلارنى كونترول قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ئىمپېرىيىسىنى سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارغىچە ئاكتىپلىق بىلەن كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇندى. ئۇنىڭدىن باشقا، «بىر بەلۋاغ بىر يول»پىلانغا قاتناشقان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە بىۋاسىتە شېرىك بولماقتا. بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى ، خىتاي بىزنىڭ دىنىمىزغا ۋە ئېتىقادىمىزغا قارشى ئۇرۇش قىلماقتا! بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتى، ئەستەغفۇرۇللاھ، قۇرئان كەرىمنى قايتا يېزىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر، ئەمما ئۇلار ئافرىقىدا ئەڭ چوڭ مەسچىتلارنى سېلىشقا پۇل چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ جاھانگىرلىك قارا نىيىتىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ! دۇنيادا ھېچ نەرسە بەدەلسىز ئەمەس، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتلەرگە كېتىدىغان خىراجەت ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بەدىلىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمە ئەمەستۇر!

بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دەرھال ئويغىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز! بىزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزغا قۇلاق سېلىڭلار، پۇل-مالغا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدىنمۇ قىممەتلىك دەپ قارىماڭلار. بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا، يېقىندا سۆز قىلغان تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئەمما بىز تېخىمۇ جىددىي ئەمەلىي ھەرىكەتكە موھتاج! خىتاينىڭ ئاچكۆزلۈك، قانخورلۇق، ۋەھشىيلىككە تولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مۇستەملىكىچىلىك جىنايىتىگە شېرىك بولماڭلار. بىز بىلەن تەڭ ئاۋاز چىقىرىپ، بىزگىلا ئەمەس، ئۆزەڭلارغىمۇ ياردەم قىلىڭلار! رەھمەت سىلەرگە.

 

 

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نۇرلان ئۈرۈمچىدە

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نۇرلان ئۈرۈمچىدە نۇرلان ئېرمېك بايېۋ — ئەسلى ئىسمى: ئېرمەك بورانبايېۋىچ مارجىكپايېف (Ермек Боранбаевич Маржикпаев),خىتايچە يېزىلىشى:(叶尔梅克·波然拜吾勒·玛尔哲克帕耶夫) بەشىنچى مارت ئۈرۈمچىدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق

يالقۇن روزى 2026-يىللىق گراسېلا فېرناندېز مەيجىدې مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

يالقۇن روزى 2026-يىللىق «Graciela Fernández Meijide» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئارگېنتىنالىق مەشھۇر پائالىيەتچى Fernández Meijide تەرىپىدىن 2023-يىلى تەسىس قىلىنغان «Graciela Fernández Meijide» مۇكاپاتى مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى شەخسلەر ۋە كوللېكتىپنىڭ سىياسىي

زىبا مۇرات ترامپنىڭ «دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات» سورۇنىغا تەكلىپ قىلىندى

زىبا مۇرات ترامپنىڭ «دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات» سورۇنىغا تەكلىپ قىلىندى . 2018-يىلىدىن بۇيان خىتاي تۇرمىسىدا يېتىۋاتقان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قىزى زىبا مۇرات ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى مايىك

ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ3-ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ „ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ“ ﻏﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﻯ، ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ، ﺩﯦﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻼﺭ،

ﭘﻮﻟﯩﺘﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ

ﭘﻮﻟﯩﺘﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﺎﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 26-ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﺳﺎﺩﯦﻨﺎ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﻟﯩﺘﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ «ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻛﺎﺗﺎﻟﯩﺰﺍﺗﻮﺭﻯ» ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﻭﺳﺘﻰ

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24-يانۋاردىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى باياناتىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شى جىنپىڭدىن كېيىنكى

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايانلىرىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغان 9 نەپەر ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىغا خىتاينىڭ چىدىيالماي