دىسنېي فىلىمىنىڭ ئۇيغۇر مەستانىلىرى: «دىسنېي شىركىتى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى»

10-سېنتەبىر كۈنى «كۈندىلىك خەۋەر تورى» (Daily Beast) بىلەن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن جەۋھەر ئىلھام ۋە زىبا مۇراتنىڭ دىسنېي شىركىتى بىر قىسمىنى تۇرپاندا سۈرەتكە ئالغان «مۇلەن» فىلىمى ھەققىدىكى يازمىلىرىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «مۇلەن» فىلىمنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى 2018-يىلى تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورلىرى 2017-يىلى ئۇيغۇر رايوندا ئالدىن تەكشۈرۈشتە بولغان ئىكەن. دىسنېي شىركىتى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاخىرىدا ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار قاتارىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 8 ئورۇنغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

تۇرپان ۋىلايىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مىليونلىغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» نامىدىكى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتى ئەڭ بالدۇر باشلانغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لاگېرلار توغرىلىق ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بارغان گېرمانيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۇرپاندا 2013-يىلىلا «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش ھەرىكىتى باشلانغان ئىكەن.
باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» دا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام ئۆزىنىڭ «كۈندىلىك خەۋەر تورى» دا ئېلان قىلغان يېقىنقى يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ فىلىمنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر رايونىدا سۈرەتكە ئېلىنغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرنى ئاشۇ فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان تۇرپان ۋىلايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. ئەگەر دادام ھايات بولسا، ئاشۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ قاتارىدا بولۇشى مۇمكىن. دادامنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز، بىزنى كۆرۈشتۈرمەيدۇ.»

جەۋھەر ئىلھام رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دىسنېي شىركىتى ‹مۇلەن› فىلىمنىڭ بىر قىسىمنى تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە فىلىمنىڭ ئاخىرىدا رايوندىكى تۆت تەشۋىقات بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەككىز ئورگىنىغا رەھمەت ئېيتقان. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىمۇ بار. تۇرپان شەھىرى تەۋەسىدىلا ئون نەچچە لاگېر بار. مەزكۇر فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان تۇرپان شەھىرىدىكى دىسنېي فىلىملىرىنى ياخشى كۆرىدىغاننۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «دىسنېي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بوب ئىگېر رويتېرىس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن زىيارىتىدە، ئەگەر گىئورگىيە شتاتىدا ‹ھامىلە چۈشۈرۈش قانۇنى› كۈچكە ئىگە بولسا، دىسنېي فىلىملىرىنى گىئورگىيە شتاتىدا داۋاملىق سۈرەتكە ئېلىش مۇمكىن بولمايدۇ، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلەشنى خالىمايدۇ، دېگەنىدى. ئەگەر دىسنېينىڭ ھامىلە چۈشۈرۈشكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇلارنى گىئورگىيە شتاتىدا فىلىملارنى سۈرەتكە ئېلىشنى بايقۇت قىلىشقا يېتەرلىك بولسا، ئۇنداقتا، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىمۇ فىلىملارنى سۈرەتكە ئېلىشنى بايقۇت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەن دىسنېي كىنولىرى ۋە كارتون فىلىملەرنى ياخشى كۆرەتتىم، چۈنكى ئۇلار ھەمىشە كىنولىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتاتتى. ئوخشاش بىر شىركەتنىڭ پۇل ئۈچۈن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇۋېلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى ۋە بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ تولىمۇ رەزىللىك.»

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق بېكىتىپ چىقىشتا تونۇلغان كانادادىكى خىتاي ياش شاۋن جاڭ بۇ ھەقتە تىۋىتتېرغا ئىنكاس يېزىپ، مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ‹مۇلەن› فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى تۇرپان ئايرودرومىدىن چىقىپ، G312-يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئارقىلىق پىچان ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى قۇمتاغقا بېرىپ، مەزكۇر فىلىمنى سۈرەتكە ئالغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلار ئاز دېگەندىمۇ 7 لاگېرنىڭ قېشىدىن ئۆتكەن بولىدۇ ۋە ھەممىسىنى كۆرەلەيدۇ.»

ئىككى يىلدىن بىرى لاگېردا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قىزى زىبا مۇرات 9-سېنتەبىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە «ئاپام بەلكىم خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇربانى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما دىسنېي شىركىتى ‹مۇلەن› فىلىمى ئارقىلىق بۇ جىنايەتنى ئاقلىدى» ناملىق بىر پارچە يازما ئېلان قىلغان. ئۇ يازمىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇيغۇر ئامېرىكالىق بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. مەن دۇنيادا پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمەن، ئۇ بولسىمۇ ئەركىنلىك ۋە ئۇنىڭ قىممىتىدۇر. مېنىڭ دىسنېي شىركىتىدىن مۇشۇ زامانىۋى دەۋردە ئانامنى قۇل ۋە مەھبۇسقا ئايلاندۇرغان ئىدېئولوگىيەنى قوللىماسلىقىنى تەلەپ قىلىشىم ئارتۇقچىمۇ؟»

زىبا مۇرات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دىسنېي شىركىتىنىڭ مىليونلىغان كىشىلەر لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان رايوندا فىلىم ئىشلىشى، ئاشۇ جىنايەنى قوللىغانلىق بولىدۇ.»

زىبا مۇرات «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە يازغان يازمىسىنىڭ ئاخىرىدا فىلىم كۆرۈرمەنلىرىگە فىلىمدىكى ساختا قەھرىماندىن ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتىكى لاگېرلاردا ھايات قىلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان ھەقىقىي كىشىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئاپامنى ئەكىرىپ كەتكەنلىكىگە نەق ئىككى يىل بولغان كۈن. ئاپامنىڭ نەۋرىلىرىنى قايتا قۇچاقلىشى ئۈچۈن، مېنىڭ ئاپامنى قايتا كۆرەلىشىم ئۈچۈن، كۆرۈشۈمنى ھەرگىزمۇ توختاتمايمەن.»

جەۋھەر ئىلھام «كۈندىلىك خەۋەر تورى» غا يازغان يازمىسىنى مۇنۇ قۇرلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان: «مەن دىسنېي ئىشلىگەن ھېكايە فىلىملار ۋە قىزىقارلىق كارتون فىلىملىرىنى ياخشى كۆرەتتىم. ‹مۇلەن› فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى دادىسىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن جەڭگە قاتنىشىدىكەن، مەن مولەنگە ئوخشاش دادام ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. دادام ناھەق تۈرمىگە تاشلاندى، مەن دادامنىڭ تېزرەك قويۇپ بېرىلىشىنى، دادامنى قۇتقۇزۇش ‹جېڭى› دە غەلىبە قېلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئىلھام توختى 2014-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان ۋە ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل ئۇنىڭ قامالغىنىغا توپ-توغرا ئالتە يىل بولدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپنىڭ چەت ئەل تاۋارلىرىغا قويغان تاموجنا بېجى جازاسىنىڭ مۇددىتى 7-ئايدا توشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىك

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا بۈگۈن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ دۆلەتلەردە، بۇندىن 37 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر، باياناتلار

خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

«خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نورۋېگىيەدە چاقىرىلغان 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېگەن

دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار مۇنبىرىدا 

«دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» مۇنبىرىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ «دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرىدە سۆز

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، CFU تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى ئىشلار يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمى Franz Matzner، مەھلىيا چەتىنكايا ھەمدە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى

نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى بىگۇناھ تۇتقۇن گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ

تۆمۈر قائىدىلەر خىتاي ئارمىيەسىنى قۇتقۇزالامدۇ؟

«تۆمۈر قائىدىلەر» خىتاي ئارمىيەسىنى قۇتقۇزالامدۇ؟ خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى 27-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن جۇڭنەنخەينىڭ «تۆمۈر قائىدىلەر» نى بېكىتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. فرانسىيە