دىسسېنى خوجايىنى روبېرت ئىگېر خىتايغا باش ئەلچى بولامدۇ؟

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىققا سايلانغان جوۋ بايدىننىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ توغرا ئاتىغانلىقىدىن خۇشال بولغانىدى. چۈنكى كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.

ئەگەر جو بايدىن ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى تاللىغان بولسا ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولاتتۇق. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ ۋەزىپىگە دىسسېنى لىدېرى روبېرت ئىگېرنى تەيىنلەشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. بۇ خەۋەر ئۇيغۇر جامائىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى پەرىشان قىلدى. دىسسېنىنىڭ نېتفىلكس (Netflix) بىلەن ھەمكارلىشىشى، سۇزەن رايس(Susan Rice) ۋە بەلكىم تېد ساراندوس (Ted Sarandos) قاتارلىق شەخسلەرنىڭ بۇنىڭغا چېتىلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. نېتفلىكىس خىتاينىڭ فانتازىيە رومان يازغۇچىسى ليۇ سىشىن بىلەن ھەمكارلاشقان، بۇمۇ كىشىدە سوئال پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى ليۇ سىشىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاشكارىلىغان.

بىز جوۋ بايدىندىن ئاشۇ شەخستىن دېسسىنى بىلەن نېتفىلكىسنىڭ بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى قوللىغانلىققا شېرىك بولغان-بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشىنى چىرايلىقچە سورايمىز.

دىسسېنى شىركىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا «خۇا مۇلەن» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا رەھمەت ئېيتىشى نۇرغۇن غولغۇلىغا سەۋەب بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دېسسىنى خوجايىنى بۇ ۋەزىپىگە لايىق ئەمەس. ئەگەر شۇنداق قىلىنىسا بۇ، دۇنيا خەلقىگە ۋە خىتايغا «ئامېرىكا دوللارنى كىشىلىك ھوقۇقتىن مۇھىم بىلىدۇ» دېگەن مەنىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا «سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارنىڭ قىممىتى يوق»دېگەن ئۇچۇرنى بەرگەنلىك بولىدۇ. دېسسىنى ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغىنى يوق، ھەتتا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ  قىلمىشىنى تۈزىتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلدى. بۇ فىلىمدە رول ئالغان ئارتىستلارمۇ خىتاينىڭ خوڭ كوڭدىكى نامايىشنى باستۇرغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

دېسسىنىي شىركىتى خوجايىنلىرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى بىرەر ھەرىكەت قوللانمىغىچە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ شىركەتنىڭ نامىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن باغلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتتە مۇۋاپىق ئادەملەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىشىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا ئاپرىلنىڭ 9-كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزالارنى يىغىۋېلىشغا ئائىت يېڭى دەلىللەر توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتناشتى. يىغىن

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 100.000 (يۈزمىڭ) كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچكىي ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار گۇۋاتېمالادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ «تور بىخەتەرلىكى

رۇشەن خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» كانادادا

رۇشەن خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» كانادادا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى 22-ئاپرىل ئوتتاۋادىكى

خىتاي دۇنياۋىي ئالدامچىلىق ئاپەتلىرىنىڭ مەنبەسى بولماقتا

خىتاي دۇنياۋىي ئالدامچىلىق ئاپەتلىرىنىڭ مەنبەسى بولماقتا يېقىنقى بىرقانچە ئاي ئىچىدە، ياۋروپا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىن بىر تۈركۈم خىتاي ئالدامچىلىرى قولغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ھىندىستاننىڭ مىللىيەتچى ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاي زۇلۇمى ھەققىدە توختالماقتا

ھىندىستاننىڭ مىللىيەتچى ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاي زۇلۇمى ھەققىدە توختالماقتا ئاپرىلنىڭ 3-كۈنى ھىندىستاننىڭ تونۇلغان مىللىيەتچى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان <<MyIndMakers>>دا خىتاينىڭ يېڭى قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەد