دوكتور راھىلە داۋۇتتەك زىيالىلارنىڭ تۇتقۇندا بولۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش غەرىزىنى يەنە بىر قەدەم ئىسپاتلاپ بېرىدۇ

(ئابدۇلھاكىم ئىدرىس) تارىختا بىر مىللەتنى يوقىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەمدە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش. دۇنيا تارىخىدا بۇ ئىسپاتلانغان. مەسىلەن، موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ھۇجۇم قىلىشى، يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. تۈركىيە شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار تارىخ تەكرارلىنىدۇ دەيدۇ، ئەگەر ئىنسانلار تارىختىن ئىبرەت ئالىدىغان بولسا تارىخى يەنە تەكرارلىنامدۇ؟».  بۈگۈن ئىنسانىيەت تارىخ ئالدىدا ئەيبكار. خەلقئارا جەمئىيەت يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن «بۇنداق پاجىئە ئەمدى يۈز بەرمەيدۇ»دېگەنىدى، ئەمما بۈگۈن بۇ ۋەدىنى ئۇنتۇپ قالدى. ئامېرىكا قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپلىگەن دۆلەتلەر، ئىسلام دۆلەتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېخى ئېتىراپ قىلغىنى يوق. ئۇلار خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايىتى ئالدىدا «بۇ دېگەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى»دەپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرمەكتە، ئەمما ئۇلار راھىلە داۋۇتتەك خەلقئارالىق بىر تەتقىقاتچىنىڭ نېمىشقا ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايب قىلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ كەينىدە قانداق ۋەھشىي جىنايەت بارلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرىنى لاگېرلارغا سولىدى. ئۈچ يىل ئاۋۋال راھىلە داۋۇت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز غايب قىلىۋېتىلدى.  بۇ، كوممۇنىست خىتاينىڭ بىر مىللەت ئەزالىرىنى قانداق يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىسپاتتۇر.  ئۇنىڭ قىزى ئەقىدە پولات ئۈچ يىلدىن بۇيان ئانىسىنىڭ رەسىمىنى قۇچاقلاپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كەلدى. بۇ قىزنىڭ تەلەپ-ئىلتىجالىرى جاۋابسىز قالدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر زىيالىيلىرى گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن لېكسىيە سۆزلەيدىغان، كىتاب نەشىر قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنى ئۈچۈنلا جىنايەتچى دەپ قارىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى».

ئەلۋەتتە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا ئالدى بىلەن زىيالىيلارنى نىشانغا ئېلىشى ھەرگىز سەۋەبسىز ئەمەس. ماۋزېدۇڭ قوزغىغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ۋە «تيەنئەنمېن ۋەقەسى»دىن كېيىن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن زىيالىيلارنى، ئالىم ۋە يازغۇچىلارنى تۈرمىگە تاشلىدى. 2014-يىل تۈرمىگە سولانغان ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى ۋە 2017-يىل تۇتۇلغان فولكورشۇناس راھىلە داۋۇت ئەنە شۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردۇر. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2017-يىل شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت يامانلاشقاندا 500 دىن كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيسى لاگېرلاغا سولانغان. دۆلەت رەھبەرلىرى گەرچە راھىلە داۋۇت ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمىسىمۇ، باش شىتابى نيو يوركقا جايلاشقان «خەتەردىكى ئالىملار تەشكىلاتى» بېيجىڭدا تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغان راھىلە داۋۇتقا «2020-يىللىق جاسارەت مۇكاپاتى» بەردى.  بۇ مۇكاپات 11-ئايدا تور يىغىنىدا تارقىتىلدى، راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.

راھىلە داۋۇتنىڭ دوستى، تەتقىقاتچى رۇز ئىنگرام (Ruth Ingram) بىر ماقالىسىدە ئەقىدە پولاتنىڭ ئانىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ئەقىدەنىڭ ئېيتىشىچە، ئانىسى ھېچقانداق سىياسىي مەسىلە ئۆتكۈزمىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئانام ئاددىي ئايال ئىدى، تەتقىقات ئىشىنىلا بىلەتتى، ھېچقانداق سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنىدى،  پەقەت قىزىم ۋە ئائىلەم بىلەن خاتىرجەم ياشىسام دەيتتى. ئانام تۇتۇلۇپ  ئارىدىن ئىككى يېرىم يىل ئۆتتى، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى روھىم چۈشۈپ كەتتى. ئاخىر چىدىماي ئانام توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەردىم، سۆزلىسەم ۋەتەندە قالغان ئۇرۇغ-تۇغقانلارنىڭ خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سۆزلىدىم. بەلكىم بۇ سۆزۈم سەۋەبىدىن ئانام تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇلارنى ئويلىغۇدەكمۇ ھالىم قالمىدى. چۈنكى مەن بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم، مەن ئانام ئۈچۈن توختىماي سۆزلەيمەن، خىتايغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا «مېنىڭ ئانام نەدە؟» دەپ سوئال قويۇشنى توختاتمايمەن».

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ 10-دىكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن تور سۆھبەت يىغىنىدا ئەقىدە پولات يەنە مۇنداق دېدى:«ئانام ئۇچرىغان زىيانكەشلىك كوممۇنسىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەن ۋە مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ روشەن ئىسپاتىدۇر. مېنىڭ ئانام ۋە دوختۇر گۈلشەن ئابباس قاتارلىق زىيالىيلار ۋە نەچچە مىليون ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتىدۇ، زاۋۇتلاردا قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينى ھېچكىم توسمىسا، بۇ رەزىل ھاكىمىيەت ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋېتىشى مۇمكىن». بۇ باياننامە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.

بىز خەلقئارا جەمئىيەتتىن دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن غايب قىلىۋېتىلگەن زىيالىيلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز.  بۈگۈن 12-دىكابىر، دوكتور راھىلە داۋۇت غايب قىلىۋېتىلگەنگە 3 يىل بولغان بۇ كۈندە بىز ئەقىدە پولات ۋە باشقا ئانىلىرىنىڭ ئىز-دېرىگىنى قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شۇنى سورايمىز:«ئانام نەدە؟».

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺗﯩﺰﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ. .

ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺒﺎﺭﮔﻮ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ

ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺒﺎﺭﮔﻮ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ . ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 60 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﺎﯞﺭﻭ

يېمىرىلىشقا يۈز تۇتىۋاتقان برىكس (BRICS)

يېمىرىلىشقا يۈز تۇتىۋاتقان برىكس (BRICS) . برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي (Braziliye, Rusiye, India, China ) تەرىپىدىن 2006-يىلى قۇرۇلغان برىك (BRIC), كېيىن ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ (South africa) نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن

رۇشەن خانىم جەنۋەدە

رۇشەن خانىم جەنۋەدە David Smith بىلەن كۆرۈشتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم 2-ئىيۇل جەنۋەدە ئەنگىلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى ئالاھىدە ۋەكىلى David

خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى Trump

  خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى Trump . ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قارا تىزىملىككە تىققاندىن كېيىن، خىتايلار مال ئېكىسپورت قىلىشتا

خىتاي بارغانسىرى يېتىملىك چەمبىرىكىگە سولانماقتا – «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك»

خىتاي بارغانسىرى يېتىملىك چەمبىرىكىگە سولانماقتا – «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» ۋاڭيى ياۋروپاغا قاراتقان 7 كۈنلىك سەپىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمدە بېلگىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ يۇقۇرى قاتلام رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئاخىرقى