خىتاينىڭ يېڭى ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» ناملىق 137 بەتلىك مەخپىي ھۆججەت خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق بوستان ئىجتىمائىي رايونىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توپلىغان ئارخىپى بولۇپ، مەزكۇر ئارخىپ بۇ تەۋەلىكتىكى 650 دىن ئارتۇق ئائىلە ۋە ئۇنىڭدىكى 300 دەك ئۇيغۇر پۇقراسىغا چېتىلىدۇ. ئۇنىڭدا بۇ تەۋەلىكتىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، يۈرۈش-تۇرۇشى، ئىپادىسى، خاراكتېرى، كىملىك نومۇرى، كەسپىي، چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسمى، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى، بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغان ۋە كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسمى، قامىلىش ھەم كېسىلىش، لاگېرلارغا قايتا ئەۋەتىلىش سەۋەبى قاتارلىق نۇرغۇن ئىنچىكە تەپسىلاتلار خاتىرىلەنگەن.

ئۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا يوللانغانلىقى ياكى كېسىلگەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا، «گۇمانلىق ۋە ئىشەنچسىز» دەپ قارالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى، تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى، ساقال قويغانلىقى، ھىجابلانغانلىقى، پاسپورت ئالغانلىقى، چەتئەلگە چىققانلىقى ۋە دىنىي يۈزلىنىشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ خاھىشلارنىڭ ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىشى ياكى كېسىلىشىنىڭ يېتەرلىك «جىنايى دەلىلى» دەپ قارالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ھۆججەت 17‏-فېۋرال كۈنى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم زور غۇلغۇلا قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلار دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، بۇ ھۆججەت كىشىلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىغا دائىر مۇھىم دەلىل بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇ، 18‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز، بۇ ھۆججەتتىن بىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئېلىپ بارغان بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلىرىمىزنى مۇھىم دەلىل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆردۇق. بىرلەشمە جەڭ سۇپىسىغا ئوخشاش تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ قاچان، قەيەردە، قايسى رەۋىشتە ئىبادەت قىلىشىدەك قانۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇ، كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش-قىلماسلىققا قارار قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەزكۇر ھۆججەت ئىنتايىن مۇھىم دەلىل بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىش جەھەتتىكى كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھۆججەتنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تەمىنلىگەن بولۇپ، نوپۇزلۇق ژۇرنالىستلار ۋە غەربلىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ مەزكۇر ھۆججەتنى تەكشۈرۈشى، تەتقىق قىلىشى ئارقىسىدا ئۇنىڭ چىنلىقى مۇقەررەرلەشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى ئۇلار ئىگىلىگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن بۇ ھۆججەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قانچە ئەزالىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى. مەن ئۆزۈم بۇ ھۆججەتنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يېزىلغانلار بىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ كىشىلەرنى نازارەت ۋە تەقىب قىلىش ساقچى يۇمتالى، دېگەنلەر. شۇڭا، بۇ ھۆججەتنى بىز ئېرىشكەن باشقا ھۆججەتلەر بىلەن سېلىشتۇرساق ئۇنىڭ پۈتۈنلەي چىنلىقىنى ئېيتالايمىز. كىشىلەرنىڭ بۇ ھۆججەتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىگە ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.»

ساراھ كۇك بۇ سۆزلەرنى 18‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دە ئۇنىڭدىكى كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى ئاشكارىلانغان. ساراھ كۇك مۇنداق دەيدۇ: «سىز بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولغان يەنە بىر مەسىلە، بۇ ھۆجەتتىكى باھالاشتا كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن. مېنىڭچە سىز ئۇنىڭدىن شۇ نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيسىز، ئۇنىڭدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق خاھىشى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئەكسىچە ئۇنىڭدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار، ناماز ئوقۇغانلار، چەتئەلگە چىققانلار، پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغانلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. دېمەك ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن خاھىشلار زوراۋانلىق ئەمەس.»

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر مەزكۇر ھۆججەتنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ 18‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھۆججەت خىتاينىڭ «بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇلاردىكى رادىكاللىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن تەربىيەلەۋاتىمىز، دېگەن يالغان گېپىنى ئاغدۇرۇۋەتكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئاسىيە ئۇيغۇر ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئاشكارىلىغان لاگېرلار ھەققىدىكى 20 نەچچە بەتلىك مەخپىي ھۆججەت دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. ئۇ، ئۆتكەن قېتىمقى ھۆججەت بىلەن بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ھۆججەتنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىر بىرىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانماقتىكەن. ئۇ، باشقا دۆلەتلەرگە قويۇلغاندەك خىتايغىمۇ ئوخشاش ئۆلچەم قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. بىراق بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇ، باشقا دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلسا قويىدىغان ئۆلچەم ئوخشاشلا خىتايغىمۇ قويۇلۇشى كېرەك. دۇنيانىڭ ئىنكاسىنى قويۇپ تۇرۇپ، شۇنى ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ئامېرىكا بىر مىليون مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلغان بولسا قانداق بولاتتى؟ گېرمانىيە، ياپونىيە، مېكسىكىچۇ؟ بىز ھازىرغىچە بۇ ئىشتا جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ، جازالاشنى ئەمەس، تېخىچە بۇ ئىش بولدىمۇ-بولمىدىمۇ، دېگەننى مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز. چۈنكى، خىتاي خەلقئارا سىستېمىدا بەك كۈچلۈك. ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز مۈشكۈلگە توختاۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇنى ھۆكۈمەتلەر قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلۇشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ قويۇشى كېرەك.»

مەزكۇر ھۆججەت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى. ۋاڭ يى ئۆتكەن جۈمە كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكۇ مائاس بىلەن ميۇنخېندا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جازا لاگېرى ۋە بىر مىليون ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي «ئۆسەك سۆز» ھەم «ساختا خەۋەر» دېگەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ماگيارنىڭ غەلىبىسى, كىملەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولدى؟

ماگيارنىڭ غەلىبىسى, كىملەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولدى؟ ئاپرىلنىڭ 12-كۈنىدىكى ۋېنگىرىيەنىڭ سايلام نەتىجىسىدە، 16 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ۋىكتور ئورباننىڭ مەغلۇپ بولۇپ، پېتېر ماگيارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ماگيارنىڭ غەلىبىسى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺗﺒﯘ’ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ 11-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﻭﻛﻼﺕ»

خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە

«خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى»نىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە مەركىزى لوندۇندا بولغان <<Impact international>>نىڭ 11-ئاپرىلدىكى «خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى: ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى بارغانسىرى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا ئاپرىلنىڭ 9-كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزالارنى يىغىۋېلىشغا ئائىت يېڭى دەلىللەر توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتناشتى. يىغىن

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 100.000 (يۈزمىڭ) كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچكىي ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار گۇۋاتېمالادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ «تور بىخەتەرلىكى