جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا خىتايغا قارشى فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى باشلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2-ئاينىڭ 24-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى جەنۋەدە باشلانغان. 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوننىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان، 3 ھەپتە داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىلىرى كۆزدىن كۆچۈرىلىدىكەن. د ئۇ ق يىغىن باشلانغان كۈنگە ئۈلگۈرتۈپ ب د ت بىناسى ئالدىدىكى چوڭ سەيناغا «ئەركىنلىك چېدىرى» تىكىپ، فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئارقىلىق جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىغان.

نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ب د ت بىناسى ئالدىدىكى 80 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بۇ چېدىر 23-فېۋرال كۈنى كەچكىچە قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان. چېدىرنىڭ تاملىرى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر، شۇئارلار، خىتاپلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى بىلەن بېزەلگەن. چېدىر ئىچىگە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت سۈرەتلەر، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى نامايەن قىلىدىغان تۈرلۈك مىللىي بۇيۇملار، خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىش ھەم مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈش قىلمىشلىرىغا ئائىت سۈرەتلەر تىزىلغان.

بۇ پائالىيەتكە د ئۇ ق بىر قانچە ئايدىن بۇيان تەييارلىق قىلغان بولۇپ، شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت ئامېرىكا، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان.

بىز بۈگۈن نەق مەيداندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. گېرمانىيەدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ياشايدىغان تۇرسۇنجان توختى ئەپەندى بۇ «ئەركىنلىك چېدىرى» نى ئوڭۇشلۇق قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى. نورۋېگىيەدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. گېرمانىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئارقىلىق جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زارىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار ئەپەندىمۇ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«ئەركىنلىك چېدىرى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش پائالىيىتى ب د ت بىناسى ئالدىدا 1 ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ پائالىيەت ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەتلەر ھەققىدە توختالدى.

د ئۇ ق ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى «ئەركىنلىك چېدىرى» دا سىن كۆرۈنۈشلىرى ھەم فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش پائالىيىتىنى بىر قىسىم پىداكار ئۇيغۇرلار ماددىي ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىغان.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﻣﺎﻧﻔﺮﯦﺪ ﯞﯦﺒﯧﺮ: ﻳﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻤﯩﺰ، ﻳﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ

ﻣﺎﻧﻔﺮﯦﺪ ﯞﯦﺒﯧﺮ: ﻳﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻤﯩﺰ، ﻳﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯞﺍﺗﯩﭙﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻣﺎﻧﻔﺮﯦﺪ ﯞﯦﺒﯧﺮ(Manfred Weber)، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺍ

ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺗﺎﮪﺎ ﻛﯧﻠﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ Taha Kılınç ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﺎﻛﯩﻢ ﺋﯩﺪﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﯚﮪﭙﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ Taha

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپنىڭ چەت ئەل تاۋارلىرىغا قويغان تاموجنا بېجى جازاسىنىڭ مۇددىتى 7-ئايدا توشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىك

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا بۈگۈن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ دۆلەتلەردە، بۇندىن 37 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر، باياناتلار

خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

«خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نورۋېگىيەدە چاقىرىلغان 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېگەن

دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار مۇنبىرىدا 

«دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» مۇنبىرىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ «دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرىدە سۆز

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، CFU تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى ئىشلار يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمى Franz Matzner، مەھلىيا چەتىنكايا ھەمدە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى