جازا لاگېرلىرىنى تاقاش تەلىپى ب د ت يىغىنىدا تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

جەنۋەدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئەيىپلىگەن. گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ماس خىتايدىن جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىن ئەنگىلىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆز ئېلىپ، جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى دىققەتنى تارتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولغان. ب د ت ۋە خەلقئارانىڭ بېسىمى سەۋەبلىك جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە قىيىن ۋەزىيەتتە قالغان خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت دا ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئاقلاش ۋە جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 3 ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ يىغىنلاردا ئىككى قېتىم سۆز قىلىش پۇرسىتىغا ئېرىشكەن. بۇ پۇرسەتتە ئۇلار جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپى مەسىلىسى ھەمدە بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدا پەيدا بولۇۋاتقان ئاچارچىلىق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىنى يىللاردى بۇيان كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئىلگىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش تەلىپىگە قارشى چىقمىغان بولسىمۇ، بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە «خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا رىئايە قىلىش» شەرتىنى قويىۋالغانلىقى ئۈچۈن ب د ت خادىملىرى بۇ زىيارەتنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان دىققەتنى تارتىدىغان بىر يېڭىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارى مىچېل باچېلېت خانىم باشچىلىقىدىكى بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى شەرتسىز زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلۇشى بولغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى نىشان قىلغان بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە خىتاينىڭ شەرت قويمايدىغانلىقىغا ماھايەت جەھەتتىن ئىشەنگىلى بولمىسىمۇ ھەمدە خىتاينىڭ يەنىلا تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن ئويۇن ئوينايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، ب د ت نىڭ «شەرتسىز تەكشۈرۈش» مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى داۋاملىق ھالدا زۆرۈر بولغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش ھەم ئىزچىل خىزمەت ئىشلەش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئالىي مەسلىھەتچىسى رىشات ئابباس، قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت، قۇرۇلتاينىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس قاتارلىقلار قاتناشقان. رۇشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ب د ت ئىچىدە تۈرلۈك يىغىنلارغا قاتنىشىۋاتقان، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغلاردا ب د ت ئالدىغا تىكىلگەن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك چېدىرى» دا خىزمەت قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرىنى پاش قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. د ئۇ ق تەرىپىدىن ب د ت بىناسىغا ئالدىغا 24-فېۋرالدىن تارتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئەركىنلىك چېدىرى» ناملىق بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى 28-فېۋرال كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدىكەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

دۇنيانىڭ دورا زاۋۇتى بولغان خىتاي تىبابىتىنىڭ جان تومۇرى شەرقىي تۈركىستاندا

دۇنيانىڭ دورا زاۋۇتى بولغان خىتاي تىبابىتىنىڭ جان تومۇرى شەرقىي تۈركىستاندا دورا بۈگۈنكى دۇنيادا ئالتۇن، نېفتكە ئوخشاش ئەڭ بازارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھازىرمۇ دۇنيانىڭ دورا زاۋۇتى. گەرچە كۆپىنچە

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺗﺎﯞﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﯙﯞﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻥﮔﯩﻠﯩﻴﻪ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺗﺎﯞﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﯙﯞﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻥﮔﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﻥﮔﯩﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺳﯘﻧﯘﭖ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ. ﺋﻪﻥﮔﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ 12 ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﺎﻥ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﻧﯩﭙﻮﻟﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﺎﻥ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﻧﯩﭙﻮﻟﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ <<Nationalreview>> ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ 8-ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﺎﻥ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﻧﯩﭙﻮﻟﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺧﯩﺘﺎﻱ

رۇشەن خانىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا دىنىي باستۇرۇشقا قارشى نۇتۇق سۆزلەيدۇ

رۇشەن خانىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا دىنىي باستۇرۇشقا قارشى نۇتۇق سۆزلەيدۇ يانۋارنىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا «ئەركىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق: مەنىۋىي دېپلوماتلارنىڭ يۈكسىلىشى» دېگەن تېمىدا

سىزنىڭ ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا ھەسسە قېتىش پۇرسىتىڭىز بار

سىزنىڭ ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا ھەسسە قېتىش پۇرسىتىڭىز بار! ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2025-يىلى نويابىردا گېرمانىيەدە خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرى سۆھبىتى يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە

خىتاي تەيۋەنلىك 3 ئەمەلدارغا جازا ئېلان قىلدى

خىتاي تەيۋەنلىك 3 ئەمەلدارغا جازا ئېلان قىلدى يانۋارنىڭ 7-كۈنى خىتاي ھاكىمىيىتى تەيۋەن ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى چېن شۇيى ( 陈舒怡), تەيۋەننىڭ ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى ليۇ شىفاڭ (刘世芳), تەيۋەننىڭ

ئىشىخارا شىزۇكا: تەيۋەن ئەسلا خىتاينىڭ بىرقىسمى ئەمەس

ئىشىخارا شىزۇكا: تەيۋەن ئەسلا خىتاينىڭ بىرقىسمى ئەمەس! خىتاي تەرىپىدىن «خائىن»، «ۋەتەن ساتقۇچى» دەپ ئەيىپلىنىپ كەلگەن ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىشىخارا شىزۇكا 6-يانۋاردىن باشلاپ تەيۋەن زىيارىتىنى باشلىغان. 2025-يىلى سېنتەبىردا خىتاي

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯜﺳﻰ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯜﺳﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ <<Dailer Caller>> ﻧﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺴﻪﭖ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ