ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «ئۇيغۇر ئەركىنلىك رىقابىتى» مۇسابىقىسىنى باشلىدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى يېقىندا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر ئەركىنلىك رىقابىتى» مۇسابىقىسىنى باشلاتقان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئىشلەنگەن تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر رايونىدىكى قەشقەر بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقى 1400 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ يەردە بۈگۈنكىدەك ۋابا بولمىغان تەقدىردىمۇ كىشىلەر بىر يەرگە كېلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزەلمەيدۇ؛ ھەر جاي قامال ئاستىدا، ھەر يەردە توسۇق ۋە ساقچى كامېرالىرى بار، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ گۈزەل يۇرتلىرىدا بىمالال سەپەر قىلالمايدۇ. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۆلۈم لاگېرلىرىدا جان تالاشماقتا. لاگېر سىرتىدىكىلەر ئۆيلىرىگە سولىنىپ، ئاچلىق، موھتاجلىق ئازابىدا ئىڭرىماقتا. بىز بۇ قەبىھ جىنايەتنى پاش قىلىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچەيتىش، ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپ ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى باشلىدۇق. بۇ مۇسابىقىدە توپلانغان ئىئانىلەر ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەزكۇر تەشكىلات خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىك ئەركىنلىكىنى قوغداشنى نىشان قىلغان خالىس(پايدا ئالمايدىغان) تەشكىلات. يىغىلغان ئىئانە ئارقىلىق خىتاي زۇلۇمىغا قارشى پائالىيەتلىرىمىزنى جانلاندۇرۇپ، ۋەتىنىمىزدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان بارلىق خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىمىز. مۇسابىقىمىزگە قاتناشسىڭىز، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىپ، تەشكىلاتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك پائالىيەت قىلىشىمىزغا ياردەم قىلغان بولىسىز.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن جۇلىيا خانىم بۇ پائالىيەتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان ˃ئۇيغۇر ئەركىنلىك رىقابىتى˂ مۇسابىقىسى ئەمەلىي پائالىيەت بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر قاتنىشالايدۇ. بۇنىڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن 50 دوللار تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرسىلا بولىدۇ، بۇنىڭدىن كىرىدىغان پۇل ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئاندىن قاتناشقۇچىلار ئۆزى تاماملىماقچى بولغان مۇساپىنى تاللايدۇ. 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ تۆت ئايلىق مۇسابىقە جەريانىدا قاتناشقۇچىلار تور بېكىتىمىزگە تىزىملىتىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ ماڭغان مۇساپىسىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ، رەسىملىرى ياكى ۋىدىيولىرىنى چىقىرىدۇ. بۇلارنى UyghurFreedomChallenge دېگەن ھەشتەگدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىسە ياخشى، شۇنداق قىلغاندا ئىنسانلار ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار يەنە تەنھەرىكەتچى دوستلىرىنى بۇ مۇسابىقىگە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. بۇ كۆڭۈللۈك پائالىيەت ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلالايمىز، شۇنداقلا ياخشى ئىشلارغا تۈرتكە بولالايمىز».

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەخسۇس تور بېتى (https://runsignup.com) دە مۇسابىقە تەپسىلاتلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇسابىقىلەر مۇساپىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بويىچە 1400 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە(تولۇق مۇسابىقە)، 700 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە (يېرىم مۇسابىقە) ۋە 200 كىلومېتىرلىق، 50 كىلومېتىرلىق، 20 كىلومېتىرلىق، 10 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىلەرگە بۆلۈنگەن، قاتناشماقچى بولغانلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بۇلاردىن بىرىنى تاللاپ تىزىملىتىپ كىرىدىكەن؛ بۇ مۇسابىقە مېڭىش، يۈگۈرۈش، مارافونچە يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ئات مىنىش، قېيىق ھەيدەش ۋە باشقا ئاكتىپ تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جۇلىيا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكادىكى تىزىملاتقۇچىلارغا ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ئاساسەن ھەر خىل نومۇردا كالتە يەڭ مايكا بېرىلىدىكەن، بۇنى كىيىپ رەسىمگە چۈشۈپ تورغا چىقىرىش ئارقىلىق «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

جۇلىيا خانىم «قانداق بولۇپ بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇپ قالدىڭلار؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر دوستىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيۇشتۇردۇق. ئۇنىڭ پىكرىچە، دۇنيادىكى كىشىلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر يەرگە كېلەلەيدۇ، شۇنداقلا ئىنتېرنېت دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە. ئۇ دوستىمىز ئۆز ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنى خالىمايدۇ، ئەمما بىز بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ئۇنىڭ پىكرى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز».

جۇلىيا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۈچۈن ماددىي ياردەم قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارغا بىلدۈرۈشكە ھەسسە قوشالايدىكەن. بۇ دەل مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەقسەت-نىشانى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بايا ئېيتقاندەك، دۇنيانىڭ مەيلى قايسى يېرىدە بولسۇن كىشىلەر مەلۇم پائالىيەت ئارقىلىق ياخشى ئىشلار ئۈچۈن پۇل توپلىيالايدۇ. ئەمما ئەڭ مۇھىمى، كىشىلەر بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلارغا تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئەتراپىدىكى دوستلىرىنى، قوشنىلىرىنى تەكلىپ قىلىشىنى، UyghurFreedomChallenge دېگەن ھەشتەگ ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن پاجىئەنى بىلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر رايونىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىۋالغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، بۇ جىنايەتنى خەلقى ئالەمگە تېخىمۇ كەڭ بىلدۈرۈش ۋە بۇ مەسىلىنى دۇنيانىڭ، جۈملىنىڭ ئامېرىكانىڭ دىققەت نەزىرىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن «خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىئالوگى» دەپ ئاتالغان بېرلىندىكى خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىز! ئوندىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىز ئۆز

خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى يىغىنى بېرلىندا باشلاندى

خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى يىغىنى بېرلىندا باشلاندى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «خەلقارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى سۆھبەت يىغىنى» بۈگۈن 14-نويابىر

چېخىيە دۆلەتلىك مۇزىيىدا

رۇشەن ئابباس، رەھىمە مەھمۇت ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار 12-نويابىر دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدىكى مەشھۇر شەخسلەر شەرىپىگە پراگادىكى دۆلەتلىك مۇزىيدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتكە داخىل بولدى.

رۇشەن ئابباس خانىم چېخىيە پرىزدېنتى پېتىر پاۋېل بىلەن كۆرۈشتى

رۇشەن ئابباس خانىم چېخىيە پرىزدېنتى پېتىر پاۋېل بىلەن كۆرۈشتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار 12-نويابىر چېخىيە پايتەختى پراگادىكى «پراگا قەلئەسى»

خەلقىمىزگە مۇستەقىل ئۈچۈنچى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇپ، ئەركىن ياشاش نېسىپ بولسۇن

شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا 1933-يىلى 12-نويابىر ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ خاتىرە كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن! شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن باتۇرلارچە كۆرەش قىلغان شېھىدلىرىمىزنىڭ روھى شاد

رۇشەن خانىم «ئاتلانتىك كۆۋرۈكى ئەركىنلىك مۇنبىرى»دا

رۇشەن خانىم «ئاتلانتىك كۆۋرۈكى ئەركىنلىك مۇنبىرى»دا بېرلىندا 11-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن «ئاتلانتىك كۆۋرۈكى ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم باشقا ئەللەردىن كەلگەن مەشھۇر شەخسلەر بىلەن بىرگە

رۇشەن خانىم بېرلىن ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلماقتا

رۇشەن خانىم بېرلىن ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلماقتا رۇشەن ئابباس خانىم بېرلىن ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول نېفت، تەبىئىي

رۇشەن خانىم بېرلىندا چاقىرىلغان «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى»دا

رۇشەن خانىم بېرلىندا چاقىرىلغان «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى»دا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن