ئۇيغۇر تىلىنىڭ «گۇگۇل تەرجىمان» غا قوشۇلۇشى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گۇگۇل شىركىتى 26-فېۋرال «گۇگۇل تەرجىمان» يۇمتالىغا يېڭىدىن بەش خىل تېلىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئىلان قىلدى. بۇ بەش خىل تىلنىڭ بىرسى ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز ۋەتىنىدە چەكلەنگەن ئانا تىلىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور سىستېمىسى – گۇگۇلغا قوشۇلغانلىقىدىن بەكمۇ ھاياجانلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تىلىغا چەكلىمە قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىتىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى كۈزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىن چەكلىنىشى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چىقارغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلانىڭ مىللىي كىملىكى جىددىي رەۋىشتە خىرىسقا دۇچ كەلدى.

ئۇيغۇر تىلى مۇشۇنداق ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور سىستېمىسى بولغان گۇگۇل، ئۇيغۇر تېلىنى گوگۇل تەرجىمە سىستېمىسىدىكى 108 خىل تىل قاتارىدا «گوگۇل تەرجىمان» يۇمتالىغا قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق باشقا چوڭ تىللارغا ئوخشاش سۆز بايلىقى مول، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنىمۇ بىمالال ئىپادىلىيەلەيدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ۋاشىنگىتون شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتىروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلىر گۇگۇل تەرجىمانغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوشۇلغانلىقى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دىدى. «بۇ بەك مۇھىم، چۈنكى ئەمدى تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى تاپالايدۇ ۋە ئوقۇيالايدۇ. بۇ يۇمتال مۇكەممەل تەرجىمە قىلالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ بېسىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر تىل-يىزىقىنى قوغداش ئۈچۈن 2019-يىلى مايدا خىتايلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس دوكلات يىغىنى ئاچقان. رادىيومىز بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لىچۈەننىڭ 2002-يىلىدىكى «ئاز سانلىق مىللەت تىل-يىزىقىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن چەكلىك بولغانلىقتىن، زامانىۋى پەن ۋە تېخنولوگىيەگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆگىتىش مۇمكىن ئەمەس. 21-ئەسىرگە نىسبەتەن بۇ بىر قالاقلىق،» دېگەن سۆزلىرى بېرىلگەن.

دەررىن بايلىر ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «قوش تىل» نامىدىكى ئاسسىمىلىياتىسيە سىياسىتى ۋە گۇگۇل سىستېمىسىغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۈستىدە توختلىپ، يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «20 يىلدىن بۇيان خىتاي دەسلەپتە ‹قوش تىل› نامىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەشكە باشلىغان. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى خىتاي تىلى ئالغان، بۇ ھەرگىز ‹قوش تىل› ئەمەس، بۇ ئاسسىمىلىياتىسىيەنىڭ جەريانى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا خىتايچىنى ئىشلىتىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تەپەككۇر سىستېمىسىنى بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن بىلىم قۇرۇلمىسى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. كىشلەر ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئۇزاقلىشىدۇ. ئۆزىنىڭ ھايات ھېكايىسىىنى سۆزلىيەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ تارىخىنىمۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سۆزلەيدۇ. ئالدىنقى بىر ئەۋلاد كىشىلەر يىڭى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالمايدۇ، خىتاي نېمىنى خالىسا شۇنى دەيدۇ. گۇگۇلنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوشقىنى بەك ياخشى بولدى، خىتاي ئەمدى ئاسانلىقچە ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتالمايدۇ.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تىلىنى ھۆكۈمران ئورۇنغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىشتەك قارا نىيىتى پاش قىلىنغان. بۇ ھەقتە دەررىن بايلىر يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي 2014-2015-يىللىرى ھازىر مۇشۇ گۇگۇلغا ئوخشاش يۇمتال ياساپ چىققان، ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلاتتى، لېكىن ئادەتتىكى پۇقرالار ئەمەس، ساقچىلار مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي گەپلەنى قېلىشقان ياكى قىلىشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتەتتى. ھازىر گۇگۇل بۇنىڭ ئەكسىچە كىشىلەرگە ئۇيغۇرلانىڭ بىلىم خەزىنىسىنى تارقىتىشىغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ خىتاينىڭ قىلغانلىرى بىلەن قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشكە ماڭىدۇ. بۇ بىزگە تېخنىكانىڭ بىر قانچە خىل يۆنىلىشكە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، خىتايلار بۇنى يامان تەرەپكە ئىشلەتكەن ئىدى، بىز ئەمدى بۇنى ياخشى تەرەپكە ئىشلىتەلەيمىز.»

ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئىسمائىل ئاۋاقنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، گۇگۇلنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئاۋاز تونۇش سىسىتېمىسىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تەشكىللىگەن گورۇپپىسى جىددىي ئىشلەۋاتقان بولۇپ، پات ئارىدا ئۇيغۇر تىلى گوۇگۇلنىڭ ئاۋاز تونۇش سىستېمىسىغىمۇ قېتىلىدىكەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

دېموكراتىك كۆرەشنىڭ سەرخىللىرى بىلەن نيۇ-يوركتا

دېموكراتىك كۆرەشنىڭ سەرخىللىرى بىلەن نيۇ-يوركتا خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباسلار 17-ئاپرىل نيۇ-يوركتا قىسقىچە RDI

مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتى . مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى . ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكالىق

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن Connecticut شىتاتىنىڭ New Haven شەھرىدىكى يالې ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) دا «خىتاينىڭ تېخنىلوگىيەلىك

دۇنياۋىي ياش رەھبەر ئارفىيا ئېرىگە مۇبارەك بولسۇن

دۇنياۋىي ياش رەھبەر ئارفىيا ئېرىگە مۇبارەك بولسۇن! ئارفىيا ئېرىنىڭ «داۋۇس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» تەرىپىدىن «دۇنياۋىي ياش رەھبەر» بولۇپ تاللانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز. ئارفىيا ئېرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ياش دۇنيا رەھبەرلىرى

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻓﻮﻧﺪﻯ (FDD) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ 19 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ يولدىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مەزىلگىن كېيىن

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباسلار 15-ئاپرىل كۈنى ئاقسارايدا ھۆكۈمەت

ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەتمۇ؟

«ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت»مۇ؟ ئەنگىلىيەلىكلەرنى «خىتاينىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى» دېگەن گەپنىڭ گۇمانلىنىدىغان يېرى قالماپتۇ. يالغۇز گېئوسىياسەتتىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ۋە ئادەتتىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئەنگىلىيەلىكلەر