ئامېرىكانىڭ ئېستونىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلار توغرىلىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

13-ماي كۈنى ۋاشىنگتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدىن سائەت 10 غا قەدەر ئامېرىكانىڭ ئېستونىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا «ئۇيغۇرلار: خىتايدىكى تەرەققىياتنىڭ بەدىلىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا، مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنغا ئامېرىكانىڭ ئېستونىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى ئەد دۇنن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.

13-ماي كۈنى ئەتىگەندىكى دوكلاتتىن كېيىن روشەن ئابباس خانىم رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۆزى تەييارلاپ تەقدىم قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلات 90 مىنۇت داۋاملاشقان. ئۇ يىغىندا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەھۋالى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا 45 مىنۇت ئەتراپىدا دوكلات بەرگەن. قالغان 45 مىنۇتلۇق ۋاقىتتا يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

روشەن ئابباس خانىم يەنە مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە،

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا 40 تىن 50 كىچە كىشى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى سىياسىي ئەربابلار، ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ بار ئىكەن.

روشەن ئابباس خانىم يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە يىغىن قاتناشچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ تولۇقلىما بەردى.

ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان مىللىي كىملىكى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» باھانىسىدە پۈتكۈل مىللەت بويىچە زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن

روشەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن يىغىن قاتناشچىلىرى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ناتسىستلارنىڭ «جازا لاگېرلىرى» غا ئوخشاش يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، دىنىي ئالىملار ۋە زىيالىيلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىشى، خىتاي شىركەتلىرى ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلغان زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي ۋە مەدەنىي خاسلىقلارنىڭ يوقىتىلىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەجبۇرى تېڭىلىشى قاتارلىق سوئاللارنى سورىغان. روشەن خانىم دوكلاتىدىن كېيىنكى 45 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلىغايسىلەر.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ3-ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ „ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ“ ﻏﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﻯ، ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ، ﺩﯦﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻼﺭ،

ﭘﻮﻟﯩﺘﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ

ﭘﻮﻟﯩﺘﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﺎﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 26-ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﺳﺎﺩﯦﻨﺎ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﻟﯩﺘﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ «ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻛﺎﺗﺎﻟﯩﺰﺍﺗﻮﺭﻯ» ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﻭﺳﺘﻰ

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24-يانۋاردىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى باياناتىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شى جىنپىڭدىن كېيىنكى

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايانلىرىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغان 9 نەپەر ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىغا خىتاينىڭ چىدىيالماي

رۇشەن خانىم خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

رۇشەن خانىم خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى يانۋارنىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق: مەنىۋىي دېپلوماتلارنىڭ يۈكسېلىشى» ناملىق

مەرز دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى

مەرز دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى داۋوستا چاقىرىلغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەرز، دۇنيانىڭ 80 يىلدىن بۇيانقى تەرتىپلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن بىشارەتلەر بېرىپ

خىتاينىڭ «ئامېرىكا زومىگەرلىكى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈزەل ھاياتى» تەشۋىقاتى

خىتاينىڭ «ئامېرىكا زومىگەرلىكى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈزەل ھاياتى» تەشۋىقاتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىكى تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئامېرىكىدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى «گۈزەل ھايات»، «يۈكسەك تەرەققىيات»نى سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىپ،