بىريۇسسېلدا خىتاينىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» گە قارشى چۇقانلار

45 دۆلەتتىكى 415 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ ۋەكىللىرى 9-مايدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 3 كۈنلۈك پائالىيىتىنى باشلىغان.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە باشقا 40 غا يېقىن خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ھەم قانۇنچىلاردىن سىرت، ئۇيغۇرلاردىن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر ۋە د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئەلفىدار ئىلتەبىر، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خادىمى مۇئەتتەر ئەلقۇت قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

بۈگۈن 10-ماي بىريۇسسېلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى «ياۋروپالىقلارغا ‹ئۈستۈڭدىكى كىيىملەردە ئۇيغۇرنىڭ قېنى بار› دېگەننى بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقان ياۋروپا شىركەتلىرىنى ‹ئۆز مەنپىي´ئېتىڭ ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بۇلغىما› دەپ، ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت» ئىكەن.
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەت´ئاي ئۇيغۇرمۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت بولسا، ئۆزىنىڭ بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.
يىغىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئەلفىدار ئىلتەبىرمۇ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئەلفىدار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىدا ماقۇللانغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى قانۇنلارنى قانداق قىلغاندا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېڭەيتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولغان شىركەتلەرنى قانداق جازالاش مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى قارشى تۇرۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «كارخانىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش: خەلقئارانىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا ئىنكاسىنى باھالاش» دېگەن تېمىدا دوكلات تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى، 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ دوكلات تەقدىم قىلغان.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى سابرىنا سوھائىل، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار 17-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم 16-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان ناھايىتى

رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى

رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار توغرىسىدىكى بايانلىرى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمىيىتىنىڭ <مالىيە ئەركىنلىكى دوكلاتى>دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىشىلىك ھوقۇق

ئۇكرائىنادا ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي ئۆزلىرىنىڭ پۇلغا سېتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان

ئۇكرائىنادا ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي ئۆزلىرىنىڭ پۇلغا سېتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان فرانسىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي 14-ئاپرىل ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئاخبارات ئېلان

ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاينى ساراسىمىگە سالماقتا

ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاينى ساراسىمىگە سالماقتا +++ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتكۈل دۆلەتتىكى ئەلچىلىرىدىن دەم ئېلىشنى بىكار قىلىپ،

<ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ: ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺗﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ>

<ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ: ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺗﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ> ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺷﯚﺑﯩﺴﻰ 10-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ <ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ: ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺗﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ

شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن بىر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ جىددىي تەكشۈرمەكتە

RFA ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: 2025.04.10 شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دېگەن ئەيىب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرى چارشەنبە كۈنى تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق ھەيران قالدى ۋە بۇ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» دەپ