ئامېرىكانىڭ ئېستونىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلار توغرىلىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

13-ماي كۈنى ۋاشىنگتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدىن سائەت 10 غا قەدەر ئامېرىكانىڭ ئېستونىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا «ئۇيغۇرلار: خىتايدىكى تەرەققىياتنىڭ بەدىلىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا، مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنغا ئامېرىكانىڭ ئېستونىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى ئەد دۇنن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.

13-ماي كۈنى ئەتىگەندىكى دوكلاتتىن كېيىن روشەن ئابباس خانىم رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۆزى تەييارلاپ تەقدىم قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلات 90 مىنۇت داۋاملاشقان. ئۇ يىغىندا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەھۋالى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا 45 مىنۇت ئەتراپىدا دوكلات بەرگەن. قالغان 45 مىنۇتلۇق ۋاقىتتا يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

روشەن ئابباس خانىم يەنە مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە،

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا 40 تىن 50 كىچە كىشى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى سىياسىي ئەربابلار، ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ بار ئىكەن.

روشەن ئابباس خانىم يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە يىغىن قاتناشچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ تولۇقلىما بەردى.

ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان مىللىي كىملىكى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» باھانىسىدە پۈتكۈل مىللەت بويىچە زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن

روشەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن يىغىن قاتناشچىلىرى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ناتسىستلارنىڭ «جازا لاگېرلىرى» غا ئوخشاش يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، دىنىي ئالىملار ۋە زىيالىيلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىشى، خىتاي شىركەتلىرى ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلغان زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي ۋە مەدەنىي خاسلىقلارنىڭ يوقىتىلىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەجبۇرى تېڭىلىشى قاتارلىق سوئاللارنى سورىغان. روشەن خانىم دوكلاتىدىن كېيىنكى 45 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلىغايسىلەر.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان خىتاي جاسۇسى رەسمىي ئەيىپلەنگەن

گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان خىتاي جاسۇسى رەسمىي ئەيىپلەنگەن گېرمانىيەدىكى «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» ناملىق ئوڭچىل پارتىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ماكسىمىلىيان كراھنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان جىئەن.گ ناملىق خىتاي 2019-يىلىدىن 2024-يىلى 4-ئايدا

„سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى“ ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا

„تەۋرەنمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى“ ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىگىلمەس-سۇنماس كۆرەش

خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تور ھۇجۇملىرى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە

خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تور ھۇجۇملىرى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە «خىتاينىڭ نىشانى» ناملىق تەتقىقات پروگراممىسىغا ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا قىتئەلىرىدىن «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»، «ئەينەك» ژورنىلى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «چىگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى»، «قوغدىغۇچىلار»

كەسكىنلىشىۋاتقان ھەربىي رىقابەت ۋە 3-دۇنيا ئۇرۇشى

كەسكىنلىشىۋاتقان ھەربىي رىقابەت ۋە 3-دۇنيا ئۇرۇشى شىۋېتسىيەنىڭ ئاقىللار ئامبىرى بولغان <<ستوكھولىم تېنىچلىق تەتقىقات ئورنى>>نىڭ 28-ئاپرىلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يەرشارىنىڭ ھەربىي چىقىمى 2024-يىلى 9.4% ئۆرلەپ، 2 ترىليۇن 700 مىليارد دوللار

خىتاي ئۇدا 6 يىل زالىملىقنىڭ ئۈلگىسى بولدى

خىتاي ئۇدا 6 يىل زالىملىقنىڭ ئۈلگىسى بولدى خىتاي ھاكىمىيىتى 2014-يىللىرىدىن باشلاپلا شەرقىي تۈركىستاندىكى يازارلار، زىيالىلار، تور ساھىپلىرىنى تۇتۇپ سولاشقا باشلىغان بولۇپ، 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان ئىلھام توختى

ترامپ «بىز خىتاي بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتىمىز» دەيدۇ، خىتاي «ترامپ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» دەيدۇ. زادى قايسى راست؟

ترامپ «بىز خىتاي بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتىمىز» دەيدۇ، خىتاي «ترامپ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» دەيدۇ. زادى قايسى راست؟ ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بىز خىتاي تەرەپ

ئالما خىتايدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقماقتا

ئالما خىتايدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقماقتا   ئامېرىكا پرىزدېنتى ترۇمپنىڭ خىتايغا قاراتقان 145% لىك تاموجنا بېجى سىياسىتى خىتايدا iPhone ئىشلەپچىرىرىۋاتقان ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىن ۋاز كېچىپ، ھىندىستانغا كۆچۈش

مۇستەبىتلەر ۋە كوممۇنىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش

مۇستەبىتلەر ۋە كوممۇنىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتلار كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت