ۋاشىنگتوندا خىتاي زۇلىمىغا قارشى بايانات
نويابىرنىڭ 17-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەتلىك ئاخبارات بىناسىدا، ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى خىتاي زۇلىمىغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رە’ئىسى رۈشەن ئابباس خانىممۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ ھەقتە مۇنداق خەۋەر ئېلان قىلغان:
.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى رۈشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دېرىكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان «خىتاينى ئەركىنلەشتۈرۈش ئىتتىپاقى» نىڭ باشقا ئەزا تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى» PNTR سالاھىيىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ تەشكىللىگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىگە ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلدى.
بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاساسلىقى، ئامېرىكا سودا سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ساداقىتىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، ھەمدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى قاتارلىق باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.
باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىگە خاتىمە بېرىشكە دىققەتنى تارتتى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سودا سىياسىتىنىڭ بېيجىڭنىڭ سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكى كۈچلۈك تەكىتلەندى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى بويىچە سابىق ئالاھىدە ئەلچىسى سامۇئېل براۋنبەك Samuel Brownback ئەپەندىگە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى» PNTR سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى باش ئەلچى سامۇئېل براۋنبەكنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك، ھەم شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقلەر ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۆرەشلىرىدە دائىم يېنىدا بولۇپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
