پروفېسسور راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتە

تونۇلغان فولكلور تەتقىقاتچىسى راھىلە داۋۇت خانىم ئۇيغۇر فولكلور ساھەسىدىكى 20 نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نوپۇزلۇق بىر تەتقىقاتچىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ خىتايدىكى كۆپلىگەن فولكلور ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەن، شۇنداقلا نۇرغۇن خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگەنگۈچى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچى ۋە مەسلىھەتچى بولغان. راھىلە داۋۇتنىڭ 2017-يىلى دىكابىردىن باشلاپ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى كەسپداشلىرى ۋە دوستلىرىنى زور ئەندىشىگە سېلىپ كەلمەكتە.

رادىيومىز ئۇنىڭ 2017-يىلى دېكابىردا ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن بىر قاتاردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىز قوغلاپ ئەھۋال ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە راھىلە داۋۇتنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىيىتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكادىكى فوتوگراف لىسا روز خانىم راھىلە داۋۇت بىلەن 2004-يىلى لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات يىغىنىدا تونۇشقان. ئۇ راھىلە داۋۇت خانىم بىلەن ئۇيغۇر مازارلىقلارنى سۈرەتكە تارتىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەمكارلاشقان ۋە ئۇنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلانغان. داڭلىق فوتوگراف لىسا روس، راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ كېسىلگەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى، ئەمدى راھىلەنى ئەركىنلىككە چىقىرىش يولىدا ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«راھىلە داۋۇت نۇرغۇن ئىنسانلارغا زور تەسر كۆرسەتكەن بىر تەتقىقاتچى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇ توغرىلىق ئاۋاز چىقىرىشىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ كەلدى. راھىلەنىڭ خىزمەتلىرى سەۋەبلىك دۇنيادا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگەنمەكتە. مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى راھىلە داۋۇتنى يوشۇرۇشقا قانچە ئۇرۇنمىسۇن، ئۇنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى يوقىتىپ بولالمايدۇ. بىز ئۇنىڭ قىزى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق پالىيەتلىرىمىزنى داۋام قىلىمىز. مەن تېخىمۇ زور تەسر كۈچى بولىدىغان پائالىيەتلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. قولۇمدا نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ئارخىپلىرى بار. بۇ يىگرمە يىللىق تارىخ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھاياتىنى، ھەتتا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قۇرۇلمىسنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى. مەندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە ئەسرلىك مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ خاتىرىلىرى بار. مەن بۇ فوتو سۈرەتلەرنى ئارخىپلاشتۇردۇم. راھىلە بىلەن بىرلىكتە 2016-يىلى ئېلان قىلىش تەييارلىقىنى كۆرۈۋاتقان پەيتلەردە، ئۇ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى. راھىلە ئىلگىرى بۇ سۈرەتلەر ئېلان قىلىنغاندا بەزى كىشىلەرگە خەتەر يېتىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنچە ئېلان قىلىنماي كەلگەن ئىدى. ئەمدى بۇنى ئېلان قىلىشنىڭ پەيتى كەلدى دەپ ئويلايمەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «راھىلە داۋۇت ھېچقاچان دىن ياكى سىياسەتنى تەرغىپ قىلغان ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان ۋە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ بەلگىلىمىرىگە رىئايە قىلغان. ئۇ بىزگىمۇ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى يوقاتماقچى بولدى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن قوشۇپ تەڭلا يوقاتماقچى. راھىلە دەل بۇنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشچانلىقى ئۈچۈن يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندى.»

لىسا روز خانىمنىڭ ئۇيغۇر مازارلىقلىرى ھەققىدىكى تۇنجى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى 2013-يىلى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس تاۋابگاھلىرى» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ يەنە مۇشۇ رەسىملىرى ئاساسىدا نەشر قىلدۇرغان بىر پارچە كىتابىمۇ بار. ئۇنىڭدىن كېيىن لىسا خانىم 2019-يىلىدىن باشلاپ نيۇ-يوركتا «مەن ئۇيقۇدىن بىدار: ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» ناملىق مەخسۇس فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېچىپ، بۇنى داڭلىق ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا بېغىشلىغانىدى.

دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق قىزى ئەقىدە پولات ئاپىسى راھىلەنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش يولىدا ئامېرىكادىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىگە ئايلاندى. ئەقىدە پولات ئانىسى راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلىماقتا.

4 يىلدىن بۇيان غايىپ ئاپىسىنىڭ كېسىلگەنلىكىدىن رادىيومىز ئارقىلىق خەۋەر تاپقان ئەقىدە پولات بۈگۈن قايتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپىسى راھىلە داۋۇتنى تۈرمىگە قامىغانلىقىدىن بەكمۇ غەزەپلەنگەنلىكىنى، ئەمما بۇ غەزەپنىڭ ئۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى: «مەن خەلقئارادىكى ئىلمىي ساھەسىدىكىلەرنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنى، سىياسىي ساھەنى ئاپام راھىلە داۋۇت ۋە ئاپامغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا چاقىرىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن!»

ئەقىدە يەنە ئاپىسى ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىك ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى چېنقتۇرغانلىقىنى مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلدى:

«ئاپام ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا زور تۆھپە قوشتى. مەن بارغانسېرى ئاپامنىڭ تەتقىقاتنىڭ قانچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك مەنىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن. مەنمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۆزەمنىڭ نىشانىم قىلدىم».

لوندوندىكى ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس پروفېسسور راچېل ھاررېس خانىم، پروفېسسور راھىلە داۋۇت بىلەن تونۇشقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان. ئۇ راھىلەگە كەسپىي جەھەتتىن قايىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ سەمىمىيىتى، ئىنسانىي پەزىلىتىدىن تەسرلەنگەن چەت ئەللىك دوستلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 1996-يىلى راھىلە بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقان ئىدىم. ئۇ ئىنتايىن سەمىمى يېقىملىق بىر كەسىپداش، سۆيۈملۈك بىر ئوقۇتقۇچى. ئۇ شۇنداق سۆيۈملۈك ئىنسانلاردىندۇركى، ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم ئۇچراشقاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالالمايسىز. ئۇنىڭ بىلەن قىلىشقان ھەر بىر پاراڭلىرىمىزمۇ ھېلىھەم مېنىڭ يادىمدا.»

ئۇ يەنە راھىلەنىڭ تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، گەرچە ئەھۋالى بەك ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم. مەن يەنىلا ھەر قانداق يىغىلىش ۋە مۇھاكىمە سورۇنلىرىدا راھىلەنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنى داۋام قىلىمەن. ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە ئۇنىۋېرستېتلىرىگە راھىلەنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتىمىز. ئەپسۇس، تېخى بىز كۈتكەندەك ئاكتىپ بىر ئىنكاس ياكى نەتىجە بولماي كەلدى. ئەمما بىز يەنىلا راھىلەنىڭ دوستلىرى، كەسپداشلىرى، ئۇنىڭ قىزى بىلەن بىرلىكتە راھىلەنىڭ پات ئارىدا ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن پائالىيەتلىرىمىزنى توختىتىپ قويمايمىز.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن يىلى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، پروفېسسور راھىلە داۋۇتنى قويۇپ بېرىشكە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.