ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلارنى تونۇشتۇرغاندا ئىسرائىلىيەلىك خادىملار ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ قىسمەتلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۆھبەتلەر 17-18- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. يېپىق سۆھبەت ۋە يېپىق ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۇق. ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قانچە نوپۇزلۇق مەتبۇئاتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدۇق. بىر قانچە ئالىي مەكتەپتە دوكلات بەردۇق. ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتقان سۆھبەت بولسا ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىدە بولدى. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى سۈرەتلەر، سىن كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدا مەزكۇر ئورگاننىڭ مۇدىرى چىرايلىرى تاتارغان ھالدا: <بۇلار تارىختا بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بىز يەھۇدىيلار تارىختا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنى سىلەرمۇ بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزۈۋېتىپسلەر، سىلەر ئۇچراۋاتقانلار بىزگە بەكلا تونۇشلۇق، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئوخشاش، ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن> دېدى. يەنە بىر ياشانغان كىشى <سىلەر ئۈمىدىڭلارنى يوقاتماڭلار، بىزمۇ ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىغاچقا دۆلىتىمىزنى قۇردۇق. ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، كۆرۈشۈڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار> دېدى. بىز بۇنى ئاڭلاپ بەكلا تەسىرلەندۇق».
روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن 15-20-دېكابىر كۈنلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ، يېرۇسالېم قاتارلىق شەھەرلىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى تۇنجى پائالىيىتى ئامېرىكانىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. روشەن ئابباس بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
ئىسرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە ئۇلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى دوكلات ئاڭلاشقا ئىشتىراك قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە باشقىلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئىرىت باك خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئاڭلاپ ئالغان تەسىراتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: « تارىخچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردە ئوقۇۋاتقانلار، شۇنداقلا بىز پروفېسسورلار <ھەرگىز قايتىلانمايدۇ> دېگەن سۆزنى بىر شوئار قاتارىدا ئەمەس، بەلكى بۇيرۇق سۈپىتىدە، شەخسىي بۇرچ سۈپىتىدە قاراپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. مەن بۇ دوكلاتنى ئاڭلاپ بەكلا تەسىرلەندىم».
روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە 17-دېكابىر كۈنى يېرۇسالېم، يەنى قۇددۇستىكى بىر كىنوخانىدا «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنى كۆرگەن كىشىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن. مەزكۇر فىلىم روشەن ئابباسنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنغان بىگۇناھ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئىشلەنگەنىدى.
پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئىسرائىلىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەت بولۇپ باقمىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، گەرچە كىشىلەر مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولسىمۇ، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەپسىلاتىنى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىسرائىلىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىدە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە سەپەرگە ئاتلانغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس قاتارلىقلار 12-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانىدى. ئۇلار بۇ جايدىكى پائالىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلگەنىدى.
مەنبە: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/israiliye-uyghur-qirghinchiliq-12202022124139.html