راھىلە داۋۇت ۋە <<جاسارەت مۇكاپاتى>>نىڭ مەنىسى — 02
بېرلىن ئەركىنلىك ھەپتىلىكى جەريانىدا، گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن „ئايال رەھبەرلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك يىغىنى“ ھەققىدە <<Visit Berlin>> مۇنداق مەزمۇندىكى بايانلارغا ئورۇن بەردى:
نويابىرنىڭ 9-كۈنى پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا 200 دىن ئارتۇق خەلقارالىق مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى ھەم زۇلۇمغا بولغان قارشىلىقلىرىنى نامايەن قىلدى.
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى گېرمانىيە پارلامېنتى رەئىسى Julia Klöckner، فرانسىيە پارلامېنتى رەئىسى Yaël Braun-Pivet، بىلارۇسىيە ئۆكتىچىسى Svetlana Tikhanouskaya، ئىران نەسىللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى Masih Alinejad ھەمدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رۇشەن ئابباس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ باشلىقلار يىغىنىدا SED دىكتاتۇرىسى قۇربانلىرى فېدېراتسىيە كومىسسارى ئېۋېلىن زۇپكې ۋە ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندىنىڭ ھەمكارلىقىدا، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر راھىلە داۋۇتقا «جاسارەت مۇكاپاتى» بېرىلدى. بۇ مۇكاپات راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدىكى پىداكارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ھەمدە سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەد قىلىدۇ.
