دۇنيادىكى 6-چوڭ باينىڭ خىتاينىڭ «سەتەڭلەر ھېلىسى»گە ئالدانغانلىقى ئاشكارىلاندى
تەيۋەن نەسىللىك ئامېرىكالىق كارخانىچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ-سۈنىي ئەقىل ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان NVIDIA نىڭ قۇرغۇچىسى ھەمدە 165 مىليارد دوللار بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى 6-چوڭ باي ئاتالغان جېنسېن خۇاڭ (Jensen Huang – 黄仁勋) نىڭ خىتاينىڭ «سەتەڭلەر ھېلىسى»گە ئالدانغانلىقىنى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» (The New York Time) ئوتتۇرىغا قويغان.
جېنسېن خۇاڭ نىڭ خىتاينىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ جاسۇسى خۇاڭ شياۋلې (Huang Xiaole) بىلەن بولغان ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋېتىنى CIA بۇرۇنلا ئېنىقلاپ ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپغا بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ترامپ بۇنىڭغا قارىتا ھىچقانداق تەدبىر قوللانماسلىق يولىنى تۇتقان.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى، كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە زور ۋەقە ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ھەقتىكى قىززىق تېمىلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قايسى دەرىجىدە قاينايدىغانلىقىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆرىمىز.
