ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاينى ساراسىمىگە سالماقتا

ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاينى ساراسىمىگە سالماقتا
+++
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتكۈل دۆلەتتىكى ئەلچىلىرىدىن دەم ئېلىشنى بىكار قىلىپ، تېلېفونلىرىنى تاقاپ، باشقا دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا كۆندۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلاشقا بۇيرىغان. خىتاي دۆلىتى نامىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەرگە رەسمىي مەكتۇپلار ئەۋەتىلىپ، ئامېرىكىنىڭ زورۋانلىقى ئەيىپلەنگەن ۋە ئامېرىكىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان. ئەمما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭدىن تارتىپ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭيىغىچە دۆلەتمۇ دۆلەت قاتراۋاتقان بولسىمۇ، تۈزۈك بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. G20 گە ئەزا دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇشنى خالىمىغان. ياپونىيە، كورىيەلەرمۇ خىتايغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغان. خىتاي ھاكىمىيىتى ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان خىتاي خەلقىگە قارىتا، ماۋ زېدۇڭ 1953-يىلىدىكى كورىيە ئۇرۇشىدا قوللانغان <<قاچانغىچە ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلسە، شۇ چاغقىچە ئۇرۇش قىلىمىز، تاكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە داۋاملاشتۇرىمىز>> دېگەن ئىبارىنى قوللىنىپ تەسەللى بېرىشكە ئۇرۇنغان.
+++
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە خىتايغا يەنە قاتتىق مەيداندا بولماقتا
++
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا 125 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكا بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكاغا قارشى 125 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان ئىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا قويغان تاموژنا بېجى 125 پىرسەنت بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان ئومۇمىي تاموژنا بېجى 145 پىرسەنتكە يەتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بېجىنى 125 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تېخى خىتايغا قارشى ھازىرچە ھەرىكەت ئېلىپ بارمىدى.
ئەمما پرېزىدېنت ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي توردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى. پرېزىدېنت ترامپ باياناتىدا، «ھېچ كىم، بولۇپمۇ بىزگە ئەڭ ناچار مۇئامىلە قىلغان خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر، بىزگە قارشى ئىشلەتكەن ئادىلسىز سودا بالانس ۋە مالىيە سىرتىدىكى تاموژنا باج چەكلىمىسى سەۋەبىدىن بىزدىن قۇتۇلغىنى يوق. بىز ئالدىمىزدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك تاموژنا بېجى تەكشۈرۈشىمىزدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار تەمىنات زەنجىرىگە قاراپ چىقىمىز» دېگەن.
پرېزىدېنت ترامپ سۆزىدە يەنە، «ئاشكارلانغان پاكىت شۇكى، بىز مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشىمىز كېرەك. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكا خەلقىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان خىتايغا ئوخشاش سودىدا دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ گۆرەسى بولۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. بىز يەنە ئۇلارنىڭ يىللاردىن بېرى بىزگە قارشى ئېلىپ بارغان سودا بۇزغۇنچىلىقىغا يول قويماسلىقىمىز لازىم. ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى» دېگەن.
پرېزىدېنت ترامپ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، «ئامېرىكانىڭ ئالتۇن دەۋرى دېگەنلىك … ئامېرىكالىقلار تېخىمۇ كۆپ ۋە ياخشى مائاشلىق خىزمەتلەرگە ئېرىشىدۇ، مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىدۇ، بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش باشقا دۆلەتلەر بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا، بىزمۇ شۇنداق مۇئامىلىدە بولىمىز دېگەنلىكتۇر. ئاساسەن، بىزنىڭ دۆلىتىمىز بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىدۇ. بىز ئامېرىكانى قايتا بۈيۈك قىلىمىز» دەپ بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئامېرىكاغا قويغان تاموژنا بېجىنى 125 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەندىن كېيىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىدە ئامېرىكاغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇش ئۈچۈن مالايسىيە، كامبودىيە ۋە ۋېتنام قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتا زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شەنبە كۈنى شى جىنپىڭنىڭ بىر سىنلىق نۇتۇقىنى تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ چىڭلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئەلچىخانىسى تارقاتقان بۇ سىن كۆرۈنۈشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، «خىتاي خەلقى ئەزەلدىن ھېچ قانداق بىر دۆلەتتىكى ھېچ قانداق بىر خەلققە زومىگەرلىك قىلغان، زىيانكەشلىك قىلغان ۋەياكى ئۇلارنى بويسۇندۇرغان ئەمەس. بىز ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايمىز. بىزمۇ ھېچ قانداق تاشقى كۈچنىڭ بىزگە زومىگەرلىك قىلىشى، زىيانكەشلىك قىلىشى ۋە شۇنداقلا بويسۇندۇرۇشىغا يول قويمايمىز» دېگەن.
خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ X ھېسابىدا زور غۇلغۇلە پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا بىر قىسىم باھالىغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى بېسىۋالغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى، تىبەتلىكلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، شۇنداقلا تەيۋان، فىلىپىن، ۋېتنام، ھىندىستان ۋە ياپونىيەگە زومىگەرلىك قىلغانلىقىنى يازغان.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى 8-ماي ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا پارلامېنتىنى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى مەركىزى ۋاشىڭتوندا بولغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 28-ئاپرىلدىن 7-مايغىچە ھىندونىزىيەنىڭ بىرقاچە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى. ئوبزوردا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى ئوقۇغۇچى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 7-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىت «ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى 6-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا مۇھىم يىغىنغا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى ھەمدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن سابرىنا سوھائىل

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى 6-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى سايلامغا 630 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، مەخپىي بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا باش مىنىستېر نامزاتى فرىدىرك

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى» 5-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىدار بولغان ساھەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى