«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى» 5-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.
بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىدار بولغان ساھەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئامېرىكانىڭ مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە تۇتقان كەسكىن پوزىتسىيەسىنىڭ يەنە بىر يارقىن ئىپادىسى.