ئۇيغۇر رەھبەرلەر كارل گېرشماننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن تون كىيدۇردى

ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمان(Carl Gershman) ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تون كىيدۈردى. 2021-يىلى 30-نويابىر، ۋاشىنگتون.

30-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قوللاپ كەلگەن ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتە كارل گېرشمان ئەپەندىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى.

كارل گېرشمان ئەپەندى 1984-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ يېقىندا پېنسىيەگە چىققۇچە بولغان پۈتكۈل خىزمەت ھاياتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. كارل گېرشمان ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى، سىستېمىلىشىشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا تۇنجى بولۇپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كۈچلىنىپ خەلقئارا مۇنبەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى چۆچۈتكىدەك ھالەتتە باش كۆتۈرۈشىگە ئاساس ياراتقان.

پائالىيەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى رەئىسى دەيمىن ۋىلسون، مۇئاۋىن رەئىسى باربارا خېيگ، ئامېرىكانىڭ ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىلىرى بويىچە ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى كەللىي كۇررىي خانىم، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمئىيىتى باشلىقى ئاندرۇ بىرمبېرگ، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ئۆركەش دۆلەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ھەرىكىتى باشلىقى روشەن ئابباس قاتارلىقلار سۆز قىلدى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.

كارل گېرشمان ئەپەندىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە يەنە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن تونۇشلۇق بولغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىممۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى.

پائالىيەتتە كارل گېرشمان ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈلۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىننەتدارلىقى يەتكۈزۈلدى. كارل گېرشمان ئەپەندىمۇ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھەقلىق بىر دەۋا ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

مۇستەبىتلەر ۋە كوممۇنىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش

مۇستەبىتلەر ۋە كوممۇنىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتلار كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قويغان جازالىرىنى بىكار قىلىش ھىلىسى

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قويغان جازالىرىنى بىكار قىلىش ھىلىسى 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاينىڭ بىرقىسىم ئەمەلدارلىرىغا ۋە خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇئەنىگە جازا يۈرگۈزگەن ئىدى.

رۇشەن ئابباس خانىم بوستون كاسپىرسېن ئوقۇغۇچىلار مەركىزىدە

رۇشەن ئابباس خانىم بوستون كاسپىرسېن ئوقۇغۇچىلار مەركىزىدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم 23-ئاپرىل بوستون كاسپىرسېن ئوقۇغۇچىلار مەركىزىدە دېننىس كۋوك ۋە دوكتۇر لوبساڭ سانگاي بىلەن بىرگە خىتاينىڭ

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىشى مۈمكىن

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىشى مۈمكىن 22-ئاپرىل كولۇمبىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسى RFA ۋە ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشەنچىلىك خەۋەرلەر

خەلقارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەلىللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

22-ئاپرىل ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارا دىنىي ئەركىنلىك يۇمۇلاق ئۈستەل سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلارمۇ قاتنىشىپ، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى سابرىنا سوھائىل، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار 17-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم 16-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان ناھايىتى

رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى

رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار توغرىسىدىكى بايانلىرى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمىيىتىنىڭ <مالىيە ئەركىنلىكى دوكلاتى>دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىشىلىك ھوقۇق