ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىشى مۈمكىن
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىشى مۈمكىن 22-ئاپرىل كولۇمبىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسى RFA ۋە ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشەنچىلىك خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلىشىگە يول قويۇشنى قارار قىلغان. بۇنىڭدا ئادەم قىسقارتماسلىق، مائاشنى قىسىۋالماسلىقمۇ تەكىتلەنگەن.