سەھنىلەردە Donald trump بىلەن Elon musk جىدىلىدىن كېيىن يەنە شى جىنپىڭ
.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بىلەن ئەڭ چوڭ باينىڭ جىدىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى يەنە Donald trump بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تېلېفون سۆھبىتىگە مەركەزلەشتى.
.
ئەسلى Trump بىريېرىم سائەتلىك بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «ناھايىتى ياخشى سۆھبەت بولدى، سىرەك توپا توغرۇلۇقمۇ سۆزلەشتۇق، ئەمدى ھىچقانداق مەسىلە قالمىغان بولىشى كېرەك» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتتى. سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىغا كىرمىدى.
.
ئەمما خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئويۇنىنى داۋام قىلدى.
.
«شى جىنپىڭ Trump نىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى» نى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بولسا، شى جىنپىڭ «خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋېتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ نىشانىنى توغرىلاشنى تەلەب قىلدى»، ئۇ «ھەر تۈرلىك توسالغۇ ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەرك ئېتىپ، ئىككى تەرەپ جەنۋەدە كېلىشكەن سودا كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك» لىكىنى كۆرسەتتى، «دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنىڭ بىردىن بىر توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» دېگەنلەرنى تەشۋىق قىلدى.
.
ئەمەلىيەتتە 2017-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان،donald trump خىتاي بىلەن ھەر تۈرلىك كېلىشىملەرنى تۈزدى، شى جىنپىڭ بىلەنمۇ قانچە قېتىم سۆھبەتلەشتى، ئەمما نە بۇ كېلىشىملەر كۈچكە ئىگە بولدى، نە بۇ سۆھبەتلەردىكى ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشتى.
.
2017-يىلىدىن 2021- يىلىغىچە خىتاي بىلەن ئىمزالىغان سودا كېلىشىملىرى ھەمدە 2024-يىلىدىن ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن كېلىشىملەرنىڭ ھىچبىرى ئەمىلىلەشمىدى. شۇنداقتىمۇ،donald trump ئەپەندى شى جىنپىڭنى ئۆزىنىڭ سىزىقىغا كىرگۈزۈشكە بولغان ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلاردىن بىر مەسلىھەتچى لازىمدەك.
