خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى
ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى.
ئوبزوردا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنى تەتقىق قىلغۇچىلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇلار ھەققىدە ئاخبارات توپلاشتەك جاسۇسلىق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ يەنە بىر مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكادا خىتاينىڭ بۇخىل جىنايەتلىرىگە قارىتا سۈكۈت ئاخىرلىشىشى كېرەك.