«100 جازا لاگېرى گۇۋاھلىقى» ناملىق كىتاب مۇراسىم بىلەن تارقىتىلدى

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «100 جازا لاگېرى گۇۋاھلىقى» ناملىق كىتاب، 17-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلدا مەخسۇس مۇراسىم بىلەن تارقىتىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا «ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش كۈرىشى» ناملىق يىغىن 17-18-سېنتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جەريانىدا «100 جازا لاگېرى گۇۋاھلىقى» ناملىق كىتابنىڭ تارقىتىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. 17-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن زىيالىيلار ئىشتىراك قىلدى. ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپنىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ كىتاب ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور جېيمېس مىلۋارد (James Millward) ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرېئان زېنز (Adrian Zenz) ئەپەندى بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن كىتابنى كەلگۈسىدە 5 تىلدا نەشىر قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى كىتاب ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنىڭ نامى ‹100 جازا لاگېرى گۇۋاھلىقى› بولۇپ، ئۇنى ئېنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلدۇردۇق. كىتابقا لاگېرلارغا تۇتۇلغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغ ھەققىدە بېرىلگەن بارلىق گۇۋاھلىقلارنىڭ ئىچىدىن 100 گۇۋاھلىقنى تاللاپ كىرگۈزدۇق. بىز بۇلارنى ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىدۇق. بىرىنچىسى، لاگېر شاھىتلىرى بەرگەن گۇۋاھلىق؛ ئىككىنچىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى؛ ئۈچىنچىسى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلار. ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئوقۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىدۇق.»

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى يەنە مەزكۇر كىتابنى نەشىر قىدۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى 2017-يىلى قۇرۇلدى. 2019-يىلى ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن تېخىمۇ زورىيىپ، بىر ئورگان شەكلىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، گۇۋاھلىقىنى ئالغان كىشىلەردىن توپلىغان مەلۇماتلارنى ئېنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلدۇردۇق. بۇ كىتابنىڭ تۈزۈلۈشىگە زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان يەنە بىر نەرسە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى بولدى. مۇشۇ سوتقا ياردەم قىلىش جەريانىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن گۇۋاھلىقلارنى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇق. تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىياللارنى 9 ئايدا تەھرىرلەپ چىقتۇق، كىشى ئىسىملىرى، يەر-جاي ناملىرى قاتارلىقلارنى قايتا-قايتا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ جەزىملەشتۈردۇق. ئاندىن كېيىن ئامېرىكادىكى داڭلىق تارىخچى جېيمېس مىللۋارد ئەپەندىگە كۆرسەتتۇق. بۇ كىشى كىتابنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى دېدى ۋە كىتابغا بېغىشلىما يېزىپ بەردى. ‹100 جازا لاگېرى گۇۋاھلىقى› ناملىق بۇ كىتابقا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن ئادرېئان زېنز ئەپەندىمۇ بېغىشلىما يېزىپ بەردى.»

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈشتىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلاشتا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ناھايىتى زور ئەجرى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار كىتابنى چىقىرىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى. بۇلاردىن سىرت، بۇ كىتابدا يەر بېرىلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپى تۈركىيەدە. شۇڭا بىز ئۆز قولىمىز بىلەن كىتابنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرگە ۋە بىزگە ياردەم قىلغانلارغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن بۇ مۇراسىمنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزدۇق.»

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى مۇشۇ لاگېر شاھىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر-ئارخىپلارنى يىغىش، لاگېر شاھىتلىرى، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى قاتارلىقلاردىن بىرىنچى قول ئۇچۇرغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. بۇ خىزمەت ناھايىتى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدىغان خىزمەت. ھەتتا 10-20 يىل، خىتاي يېمىرىلىپ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغان تەقدىردىمۇ تەتقىقات داۋاملىشىدۇ. شىمالىي كورىيە، ئىران، ھەتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپىغا ئوخشاش ئۇچۇر ئامبىرى ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىدۇ. شۇڭا بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ناھايىتى كۆپ. بىز بارلىق ئۇيغۇرلارغا گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىمەكچى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە ئاكتىپلىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»

مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى كىتابنىڭ كۆپ تىلغا تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر كىتابتىكى گۇۋاھلىق بەرگۈچى شەخسلەر ئىچىدە ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى، كىتابنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى رادىيومىز ئارقىلىق ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.