ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 80 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ ﮪﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﯩﺮﻟﯩﻨﯩﯔ:
مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن
مىللىي ئارمىيە
مۇقەددەس، مۇنبەت ۋە گۈزەل ئىلى تەۋەسىدىكى خەلقىمىزنىڭ 1943 – يىلى يازدىن باشلاپ گومىنداڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئوڭۇشلۇق پارتىزانلىق جەڭلىرى، بولۇپمۇ رىۋايەتكە ئايلانغان غېنى باتۇر، پاتىخ باتۇر قاتارلىقلارنىڭ غۇلجا ئەتراپىدىكى تاغ – ئورمانلارنى بازا قىلىپ گومىنداڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان غالىبىيەتلىك پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرى ۋە 1944 – يىلى 9 – ئاپرېل كۈنى غۇلجىدا ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي رەھبەرلىكىدىكى بىر توپ نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان مەخپىي سىياسىي تەشكىلات ‐ «ئازادلىق تەشكىلاتى» ئەزالىرىنىڭ پىداكارانە پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئىلىدا خىتاي مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىنى ئاممىۋىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا زېمىن يارىتىلدى. غۇلجىدا ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى ئازادلىق تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان «ھەربىي قوماندانلىق شتاب»نىڭ رەھبەرلىكىدە، غېنى باتۇرنىڭ قوزغىلاڭچى پارتىزانلىق ئەترىتى ۋە باشقا قوزغىلاڭچى ئەترەتلەرنىڭ ھەم ئەركپەرۋەر غۇلجا خەلقىنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ ئاممىۋىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىدە مۇستەقىللىققا تەشنا ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ غۇلجىدىكى بەش مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى شىددەتلىك جەڭلەردە غەلىبە قازىنىپ، 1944 – يىلى 12 – نويابىردا ئەركپەرۋەر غۇلجا شەھىرىدە مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى ‐ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىگە: ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى، ھېكىمبەگ خوجا بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىس، ئوبۇلخەير تۆرە مۇئاۋىن رەئىس، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىي باش كاتىپ؛ ئەزالىققا: رەھىمجان سابىرھاجى، ئابدۇكەرىم ئابباسوپ، مۇھەممەتجان مەخسۇم، ئەنۋەر مۇساباي، ھەبىب يۇنىچى، پۇجې ئامبال، جانى يولداش، سالىجانباي باباجان، ئابدۇلمۇتەئالى خەلپەت، غېنى باتۇر، پ. ر. ئالېكساندروف، پ. پ. موسكالېف سايلىنىدۇ. 1945 – يىلى ھۆكۈمەت تەركىپىگە: ئەھمەدجان قاسىمىي (1947 – يىلى 2 – رەئىس)، قاسىمجان قەمبىرىي، زۇنۇن تېيىپ، ئوسمان ئىسلام، كەرىمھاجى داۋۇز، ۋاققاسھاجى مىرشان قاتارلىقلار كىرگۈزۈلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن شەھەرنى، ئۇنىڭ ئەتراپىنى ۋە ئىلى ۋىلايىتىنى خىتاي ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچىلىرىدىن تولۇق ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەربىي قوماندانلىق شتابنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان باش قوماندانلىق شتابنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېغىر جەڭلەرنى شىددەتلىك ئېلىپ باردى. ئېغىر قىرغىنچىلىق ئۇرۇشتا، يەنى سېپىللەرگە مۆكۈنگەن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق رەھىمسىز دۈشمەنگە قارشى دەھشەتلىك جەڭدە خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك باتۇر قىزى رىزۋانگۈل دۈشمەننىڭ ئوقىدا قازا بولۇپ، مىللىي قەھرىمانغا ئايلاندى. بۇ مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ئاتاقلىق گېنېرال جۇ شاۋلياڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئومۇمىي سانى 15 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئەسكەرلىك قوشۇنلىرى ئۈچ تەرەپتىن غۇلجىغا قاراپ ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ (شىمالدىن قوغارچىن ۋە ئاچال داۋانلىرى ئارقىلىق، غەربتىن داشىگۇر داۋىنىدىن، جەنۇبتىن ئاقسۇ تەرەپتىن مۇزداۋان ئارقىلىق). بۇ ھەربىي قوشۇنلارنىڭ ۋەزىپىسى تاغ داۋانلىرىدىكى ئاز سانلىق ۋە ناچار قوراللانغان قوزغىلاڭچىلار ئەترەتلىرىنى تارمار قىلىپ، ئاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بارلىق تەرەپلەردىن غۇلجا شەھىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ۋە ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش باش مەقسەت قىلىنغانىدى. بۇ ھەربىي ئوپېراتسىيەنىڭ ئومۇمىي قوماندانى بولۇپ گېنېرال لى تىيېجۇڭ تەيىنلەندى، ھەر بىر ئەسكەرلەر قوشۇنىغا گېنېراللار كوماندىرلىق قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن شەكىللەنگەن مۇنداق ئىنتايىن ئېغىر ۋەزىيەتتە، رەئىس ئەلىخان تۆرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ب ق ش تەرىپىدىن غۇلجىدىكى سېپىللىق ھەرەمباغقا، لياڭشاڭغا ۋە ئايرودرومغا مۆكۈنۈۋالغان دۈشمەن قوشۇنلىرىنى چاقماق تېزلىكىدە يوقىتىش بويىچە پىلان تۈزۈلدى. ئەمما، بۇ ھەربىي ئوپېراتسىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قورال ۋە ئوق – دورا يېتىشمەيتتى. بۇ توغرۇلۇق مىللىي ئارمىيە گېنېرالى زۇنۇن تېيىپوف ئۆزىنىڭ «ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش» دېگەن ھۆججەتلىك خاتىرە كىتابىنىڭ 81 – بېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئايرودۇرۇمغا، ھەرەمباغقا ۋە لياڭشاڭغا ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىدىغان يەتتە مىڭ ئادەمدىن بىز ئارانلا 1200 نى قوراللاندۇرۇشىمىز مۇمكىن ئىدى. بىز گومىنداڭچىلاردىن 2 زېنىتكىنى (زېنىت توپى) ۋە 11 مىنومېتنى ئولجا ئالغان بولساقمۇ، ئۇلارغا سناريادلار يېتىشمەيتتى. قورال يېتىشمەيتتى. ھەر بىر قوراللىق جەڭچىگە نەيزىلەر ۋە گۈرجەكلەر بىلەن قوراللانغان ئونغا يېقىن ئادەم توغرا كېلەتتى». تارىخنامىلەرگە ئاساسلانساق، 1944 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا گېنېرال جۇ شاۋلياڭنىڭ قول ئاستىدا ئومۇمىي سانى 70 مىڭغا يېقىن ئەسكەردىن ئىبارەت پىيادە، ئاتلىق ۋە مېخانىكىلاشتۇرۇلغان دېۋىزىيەلىرى، زەمبىرەك پولكى ۋە ئايرىم پولكلار، شۇنداقلا قىسىملار ۋە ماددىي تەمىنات ھەم خىزمەت قىلىش بۆلۈملىرى بىلەن ئايروپىلانلار قىسىملىرى بار بولغان. پىيادە ئەسكەرلەر تەركىبىگە 3 -، 45 -، 46 -، 128 – پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيەلىرى ۋە 7 – زاپاس پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسى؛ 1 -، 2 -، 11 – ۋە 12 – ئاتلىق دېۋىزىيەلەر؛ 18 – ئارىلاش برىگادا ۋە زھاندارمېرىيانىڭ 4 – ئاتلىق پولكى؛ توپ – زەمبىرەك پولكى، تانك ئەترىتى ۋە رازۋېدكا پولكى كىرەتتى.
بىۋاسىتە غۇلجىغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا 1 – ئاتلىق دېۋىزىيەنىڭ بىر ئاتلىق پولكى، زھاندارمېرىيەنىڭ 4 – ئاتلىق پولكى، 128 – پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسىنىڭ 383 – پىيادە ئەسكەرلەر پولكى ۋە 7 – زاپاس پىيادە ئەسكەرلەر پولكى، چېگرا ئەسكەرلىرىنىڭ قىسىملىرى ۋە ئايروپىلان ئەترىتى (50 تەك ئايروپىلان) ئورۇنلاشقانىدى. غۇلجىدىكى گېنېراللار دۇ دىفۇ ۋە سائو رېلىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەربىيلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 5 مىڭ نەپەرگە يېقىن ئەسكەردىن ئىبارەت ئىدى.
شۇ مەزگىلدە ئىلى ۋىلايىتى قوزغىلاڭچى پارتىزانلارنىڭ سانى 1500 نەپەر ئەتراپىدا بولغان. ئۇلاردىن 300 گە يېقىن قوزغىلاڭچى ئوق ئېتىش قوراللىرىغا ئىگە بولۇپ، قالغانلىرى نەيزە، كەكە، ئارا، گۈرجەكلەر بىلەن قوراللانغان ئىدى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ، جۈملىدىن غۇلجا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ قورالى خىتايلاردىن جەڭلەردە ئولجا ئېلىنغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلىخان تۆرەمگە بەرگەن رەسمىي ۋەدىلىرىگە قارىماي، ھەر خىل باھانە – سەۋەبلەر بىلەن چوڭ كالىبىرلىق قورال ئەمەس، ھەتتا ئاپتوماتىك ئوق ئېتىش قورالىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكىمۇ ئالدىرىمىدى.
1945 – يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكى غۇلجىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنى تولۇق تارمار قىلىپ، زور چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغان، تەرەپ – تەرەپكە چېكىنىۋاتقان، لېكىن ياخشى قوراللانغان ۋە سان جەھەتتىن بىرنەچچە ھەسسە ئارتۇق خىتاي باسقۇنچى ئارمىيەسىنى ئۈزۈل – كېسىل ۋەيران قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن پىدائى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەھرىمانلىقى، پىداكارلىقى ۋە خەلقنىڭ يۇقىرى مەنىۋىي روھىي ئۈستۈنلۈكىدىن تاشقىرى، شۇنداقلا ياخشى ئۆگىتىلگەن، مىللىي مۇستەقىللىق روھتا تەربىيەلەنگەن ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە قوراللانغان ھەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل دۆلەتچىلىك ئىشىغا سادىق، ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تولۇق ھېس قىلىدۇ ۋە مۇشۇ يۆنىلىشتە بەزى تەييارلىق پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتتا، غۇلجىلىقلارنىڭ ۋە ئىلى ۋىلايىتى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى شۇنىڭغا ئېلىپ كەلدىكى، ئىلىنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق چوڭ ياشتىكى ئاھالىسى ئازادلىق كۈرەش يولىغا ئىختىيارىي ئاتلاندى. قوزغىلاڭچى پارتىزان ئەترەتلىرى غۇلجىنى خىتاي باسقۇنچىلىرىدىن تولۇق ئازاد قىلغاندا 3700 نەپەر خىتاي چېرىكلىرى ئەسىرگە ئېلىندى. ئولجا ئېلىنغان قوراللار: 2200 ھەر تىپتىكى مىلتىقلار، 5 مىنومېت، 98 پىلىموت، 50 تەك ئايروپىلان، 16 ئاپتوموبىل، 8 ھەربىي رادىيو ئىستانسىسى ۋە ئىنتايىن كۆپ ئوق – دورىلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ قوراللار بىلەن يەنە قوشۇمچە 3 –، 4 – پولكنى قوراللاندۇرۈش مۇمكىن بولاتتى. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت پەيدا بولدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئەلىخان تۆرىنىڭ رەئىسلىكىدە، 1945 – يىلى 5 – يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ №4 قارارى بىلەن دۆلەتنىڭ توققۇز ماددىلىق سىياسىي خىتابنامىسىنى تەستىقلىدى.
ئۇنىڭدا:
1. شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدە خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۈزۈل – كېسىل قومۇرۇپ تاشلاش؛
2. شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقى باپباراۋەر بولۇش ئاساسىدا ھەقىقىي ئەركىن، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش؛
3. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇش؛
4. بارلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى تەمىنلەش ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلىشىنى ھۆرمەتلەش؛
5. دېموكراتىك تۈزۈمنى قۇرۇش، بارلىق دەرىجىلەردىكى دۆلەت ئورگانلىرىغا خەلق ئىشىنىدىغان ۋەكىللەرنى باراۋەر ھوقۇقلۇق سايلاملار ئاساسىدا سايلاش؛
6. سانائەتنى، دېھقانچىلىقنى، چارۋىچىلىقنى، ئورمان ئىگىلىكىنى ۋە بازار ئىقتىسادىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش؛
7. مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە سالامەتلىكنى ساقلاشنى چاپسان تەرەققىي ئەتكۈزۈشنى رىغبەتلەندۈرۈش؛
8. بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن، بىرىنچى نۆۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىش؛
9. پۇرسەت تېپىلغاندا خىتاي بىلەنمۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش.
مەزكۈر خىتابنامىنىڭ 3 – ماددىسىغا بىنائەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 1945 – يىلى 26 – يانۋاردا مىللىي ئارمىيە قۇرۇش بويىچە رەھىمجان سابىرھاجى رەھبەرلىكىدە كومىسسىيە قۇرىدۇ.
كومىسسىيەگە: ئەھمەدجان قاسىمى، زۇنۇن تېيىپوف، زىيا سەمەدىي، تېيىپ ھاجى سابىتوف، ئى. ي. پولىنوف قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئارمىيەنىڭ تەركىبى، تۈزۈلۈشى، شتات قۇرۇلمىسى توغرۇلۇق ھۆججەتلەرنىڭ ئاساسىنى ئەھمەدجان قاسىمى ئىشلەپ چىقىدۇ ۋە كومىسسىيە ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاخىرقى نۇسخىسىنى تۈزىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 1945 – يىلى 6 – مارتتا مىللىي ئارمىيە قۇرۇش بويىچە ھۆججەتنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى، قوزغىلاڭچىلار ئەترەتلىرىنى ۋە ب ق ش نى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنىڭ تەرتىبىنى تەستىقلايدۇ. بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيەنى شەكىللەندۈرۈش بويىچە كومىسسىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئەھمەدجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ يەتتە باشقارما، بۆلۈملەردىن ئىبارەت ئوپېراتىپ ۋە رازۋېدكا باشقارمىلىرىنى، سىياسىي، تېخنىكا – قورال ۋە ئارقا سەپ بۆلۈملىرىنى، كادىرلار بۆلۈمىنى، مەخسۇس ۋە ئىگىلىك خىزمەت ئورۇنلىرىنى، ھەربىي سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىنى ھەم ئارمىيە ئۈچۈن زۆرۈر بولغان باشقا خىزمەت ئورگانلىرىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئىسلاھات دائىرىسىدە 1945 – يىلى 13 – مارتتىكى №33 ۋە 20 – مارتتىكى №37 توختاملىرى بىلەن بىر قاتار لاۋازىملىق شەخسلەرنى تەيىنلىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چار رۇسىيەنىڭ گېنېرال – لېيتېنانتى ئى. ي. پولىنوف (بۇ ۋەزىپىگە ئىسھاقبېك مۇنۇنوف 1945 – يىلى سېنتەبىردە تەيىنلەندى) مىللىي ئارمىيە قوماندانى، زۇنۇن تېيىپوف بىلەن ئىسھاقبېك مۇنۇنوف مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن قوماندانلىرى، ئابدۇكەرىم ئابباسوف مىللىي ئارمىيە سىياسىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، داموللا رازىيېف مىللىي ئارمىيە دىنىي ئىشلار مەسئۇلى، ۋ. م. مازھاروف باش شتابنىڭ باشلىقى، پەخرىددىن ھاجى رەسۇلوف مىللى ئارمىيە ئارقا سەپ باشلىقى، غېنى باتۇر مىللىي ئارمىيە ھەربىي سوتنىڭ رەئىسى، ئابدۇغوپۇر سابىرھاجىيېف مىللىي ئارمىيە ھەربىي ترىبۇنالنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى. كېيىنرەك بۇ ۋەزىپىلەرگە بەزى باشقا شەخسلەر تەيىنلەندى. ھۆكۈمەتتىمۇ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مەسىلەن، تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان ھەبىب يۇنىچىنىڭ ئورنىغا سەيپىدىن ئەزىزى مائارىپ مىنىسترى، رەھىمجان سابىرھاجى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، مۆيدىن ئەھمەد سەھىيە مىنىستىرى ۋە ۋاققاس ھاجى مىرشانوۋ باش مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەندى. ئەمما، ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە، ئېھتىياجىغا قاراپ رەھبەرلىك قاتلامدىكى شەخسلەرنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرى، ھەربىي ئۇنۋانلىرى پات – پات ئۆزگىرىپ تۇردى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە رەسمىي «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ھۈسەيىن ناسىر تەيىنلەندى. گېزىت ئۇيغۇر تىلىدا ھەپتىسىگە 6 قېتىم نەشر قىلىنىپ تۇردى ۋە پاراللېل قازاق، رۇس ۋە باشقا تىللاردا پات – پات نەشر قىلىندى.
شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، يەنى مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ «ئازادلىق» ۋە «ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن» ئالىي ئوردېنلىرى؛ «باتۇرلۇق»، «ساداقەت» ۋە «پىدائىي» مېداللىرى تەسىس قىلىندى. ئەينى ۋاقىتتا، قورغاس ناھىيەسىنىڭ چىلپەڭزە يېزىسىدا كىچىك كوماندىرلار بىلەن جەڭچىلەرنى تەييارلاش كۇرسى ئېچىلىدۇ ۋە ئۇرۇش جەريانىدا ئارقا – ئارقىدىن ھەر خىل كۇرسلار تەسىس قىلىنىدۇ، شۇ جۈملىدىن ئوفىتسېرلارنى تەييارلايدىغان ھەم بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان كۇرسلار ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلىدۇ. مەزكۇر كۇرسلاردا كېچە – كۈندۈز ھېچقاچان ئوق ئاتىدىغان قورال تۇتمىغان يىگىتلەر قورالنى قوللىنىش ۋە جەڭ قىلىش تاكتىكىسى ۋە باشقا ئۇرۇشتا لازىم بولىدىغان نەرسىلەر بويىچە ئۆگىتىلىدۇ. ئومۇمەن مىللىي ئارمىيەدە ھەربىي تەلىم – تەربىيە سىستېمىلىق يولغا قويۇلىدۇ. مۇشۇ كۇرسلاردىن كەلگۈسى ئاتاقلىق ئوفىتسېرلار، مىللىي قەھرىمانلار تەربىيەلىنىپ چىقتى. شۇنىمۇ تەكىتلەش لازىمكى، كۇرسلارنى قۇرۇشتا ۋە ھەربىي دەرسلەرنى ئېلىپ بېرىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمى سېزىلەرلىك بولدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 1945 – يىلى 6 – مارتتىكى قارارى بىلەن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتاب تولۇق قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە 1945 – يىلى 8 – ئاپرېلدا، غۇلجا شەھىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا، ئون مىڭلىغان ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەنتەنىلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدۇ. تارىخنامىلەرگە ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسلانساق، پاراتنىڭ ئېچىلىشىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ ۋەزىپىلىرى توغرۇلۇق جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرە ۋە ئەھمەدجان قاسىمىي نۇتۇق بىلەن سۆزگە چىقىدۇ. جۇمھۇر رەئىس مىللىي ئارمىيە قوماندانىغا ۋە پولك كوماندىرلىرىغا يېشىل (د ئۇ ق– كۆك) ھاۋارەڭ تۈستە ھەم ئاي يۇلتۇز ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇرچە قىسىملارنىڭ ناملىرى، نومۇرلىرى ھەم «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئالغا!» دېگەن شوئار يېزىلغان، يەنى دۆلەت سىمۋوللىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن جەڭگىۋار بايراقلارنى مىللىي ئارمىيە قوماندانىغا، پولك ۋە ئايرىم باتالىئون كوماندىرلىرىغا تەنتەنىلىك تاپشۇردى. كوماندىرلار جەڭگىۋار بايراقنى جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرىدىن تاپشۇرۇپ ئالغاندا، تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۇنى سۆيدى ۋە قەسەمياد بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەيدان تا بۈگۈنگىچە يوشۇرۇن ھالدا «تۇغ مەيدانى» دەپ ئاتىلىدۇ. پارات جەرياندا ئون مىڭلىغان ئامما «ئۇررا!» دەپ شوئار توۋلاپ ۋە گۈلدۇراس چاۋاك چېلىپ ئالقىشلاپ تۇرغان. شۇ يىلى ئۆكتەبىردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس توختىمى بىلەن 12 – نويابىرنى «جۇمھۇرىيەت كۈنى»، 8 – ئاپرېلنى «مىللىي ئارمىيە كۈنى» دەپ جاكارلىدى. بۇ تارىخىي قارار بۈگۈنگىچە ئۆزىنىڭ سىمۋوللۇق ۋە روھىي كۈچىنى يوقاتقىنى يوق. ھەتتا، ھاكىممۇتلەقلىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ مەركىزىي ئاسىيادىكى سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدە 12 – نويابىر ۋە 8 – ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدارلىرى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى ۋە جەڭچىلىرى ھەمدە سىياسىي ئاڭلىق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يوشۇرۇن ھالدا تەقدىرلىنىپ كەلدى.
تەسىس قىلىنغان مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە تەركىبىگە تەشكىلىي جەھەتتىن غۇلجا 2 – پىيادە ئەسكەرلەر ۋە 4 – زاپاس پولكلىرى، سۈيدۈڭ 1 – پىيادە ئەسكەرلەر پولكى، غۇلجا 1 – ئاتلىق پولكى، تېكەس 1 – ۋە 2 – ئاتلىق پولكلىرى، كەڭساي 3 – ئاتلىق پولكى، توققۇزتارا ئاتلىق پولكى، ئايرىم مىنومېت دىۋىزىيونى، ئايرىم موڭغۇل ئاتلىق ئىسكادرونى، ئايرىم تۇڭگان ئاتلىق ئىسكادرونى، ئايرىم مۇھاپىزەت باتالىيونى، ئايرىم شېۋە ئاتلىق روتىسى، شۇنداقلا ھەربىي ۋە ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ ئايرىم قىسىملىرى بىلەن بۆلۈملىرى كىردى. ھەممىسى بولۇپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە تەركىبىدە ئۇ قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئون مىڭدىن ئارتۇق قاتاردىكى ئەسكەرلەر ۋە ئوفىتسېرلەر بولغان. ئاساسىي ھەربىي ئوپېراتىپ – تاكتىكىلىق بىرلىك ‐ پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسى بولدى. بۇ دىۋىزىيە ئۈچ پولكتىن تەركىپ تاپتى، پىيادە ئەسكەرلەر پولكى ‐ ئۈچ باتالىيوندىن، بىر باتالىيون ئۈچ روتىدىن ئىبارەت بولدى. ئۇلاردىن تاشقىرى، پىيادە دېۋىزىيەگە ئاتلىق ئىسكادرونى، زەمبىرەكچىلەر ديۋىزىيونى، ئىنزىنېر ‐ ساپېرلار باتالىيونى، ئالاقە روتىسى، ئالاھىدە مەقسەتلەر (رازۋېدكا، دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىدە پارتىزانلىق ئۇرۇش يۈرگۈزۈش قاتارلىق) ئۈچۈن بەلگىلەنگەن روتا، سانىتارلار ئەترىتى ۋە ئارقا سەپ ئات – ئۇلاق (ھارۋا) باتالىيونى كىرەتتى.
مىللىي ئارمىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاردىن ئازاد قىلىش ئۇرۇش پىلانى دۈشمەنگە قارشى ئۈچ ئىستراتېگىيەلىك فرونت (بىر قوماندانلىق ئاستىدىكى ھەر خىل ئەسكەرلەر قوشۇنى ياكى قىسىملىرىنىڭ، مەخسۇس بۆلۈمچىلىرىنىڭ گۇرۇپپىسى) بويىچە خىتاي ئارمىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئوپېراتسىيەسىنى ۋە ئۇنىڭ ئارقا سېپىدە، جۈملىدىن قەشقەرىيەدە پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى يۈرگۈزۈشنى ۋەزىپە قىلىدۇ. باش قومانداننىڭ زاپىسىنى 1 – ۋە 2 – زاپاس پىيادە ئەسكەرلەر پولكلىرى، نىلقا ئاتلىق پولكى ۋە غۇلجا گارنىزونىدا مۇھاپىزەت خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىسىملار تەشكىل قىلدى.
مىللىي ئارمىيەنىڭ ئازادلىق ئۇرۇش فرونتلىرى: مەركىزىي، شىمالىي ۋە جەنۇبىي دەپ رەسمىي نام ئالغان.
مەركىزىي فرونت باشتا گېنېرال پولىنوف كېيىن گېنېرال ئىسھاقبېك مۇنۇنوف قوماندانلىقىدا بولدى. مەركىزىي فرونتنىڭ يېقىن ئارىدىكى ۋەزىپىسى كەڭساي رايونىدىن سەنتەي، جىڭ، شىخو يۆنىلىشى بويىچە ھۇجۇم قىلىپ ۋە بۇ ئىستراتېگىيەلىك پونكىتلاردا خىتاينىڭ 2 – ئارمىيە كورپۇسىنى تارمار قىلىشتىن، ئاندىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ماناس دەرىياسىغا چىقىش ۋە قۇتۇبىي شەھىرىنى ئازاد قىلىش، ئاندىن كېيىن سانجى، فۇكاڭ تەۋەلىرىدىن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت بولدى.
شىمالىي فرونت قوماندانى گېنېرال دەلىلخان سۇگۇربايېف. شىمالىي فرونتنىڭ جەڭگىۋار ۋەزىپىسى بورتالا، دۆربۇلجىن ۋە چۆچەك يۆنىلىشىدە ئاتلىق ئەسكەرلەر چاپسان ئالغا ئىلگىرىلەپ تارباغاتاي ۋە ئالتاي قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، بۇ ۋىلايەتلەرنى تولۇق ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت بولدى.
جەنۇبىي فرونت پولكوۋنىك سوپاخۇن سوۋۇرۇفنىڭ ئومۇمىي قوماندانلىقىدا ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئابدۇكەرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفىتسېرى مىرزىگۈل ناسىروفلارنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپە دائىرىسىدىكى قوماندانلىقىدا بولدى. جەنۇبىي فرونتنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپىسى بىرىنچىدىن، غۇلجىدىن ئىككى كولوننا بولۇپ ئۆتۈشى قىيىن بولغان مۇزارت ۋە مۇزتاماز داۋانلىرى ئارقىلىق باي، ئاقسۇ يۆنىلىشىدە ئۇزۇن ۋە ئىنتايىن قىيىن يۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇ يەردىكى نۇرغۇن ساندىكى خىتاي گارنىزونلىرىنى تارمار قىلىشتىن ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئۇلاردىن ئازاد قىلىشتىن؛ ئىككىنچىدىن، قەشقەرىيەدىكى يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلغۇچىلار ۋە قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، قەشقەرىيەدە خىتاي ئىستېلاچىلىرىغا قارشى ئاممىۋىي قوزغىلاڭچىلىق ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى.
مىللىي ئارمىيە پولكلىرىدا بىۋاسىتە ئۇرۇشتىن ئاۋۋال قورال – ياراق يېتىشمەسلىكى بولدى ھەمدە سابىق پارتىزان ئەترەتلىرىنىڭ كوماندىرلىرىدىن باشقا ئوفىتسېرلاردا ئەمەلىي جەڭ ئۇيۇشتۇرۇش تەجرىبىسى كەمرەك بولدى. لېكىن، ئوفىتسېرلارنىڭ ۋە جەڭچىلەرنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ۋەتەننى ئازاد قىلىش روھى ۋە دەھشەتلىك زورلۇق – زومبۇلۇق يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكىچىلەرگە بولغان نەپرىتى ئىنتايىن ئۈستۈن بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇش جەريانىدا ئاممىۋىي غەيرەتلىك، تەشەببۇسكارلىق ۋە پىداكارلىق نامايان قىلىپ نەچچە ھەسسە كۆپ ۋە ياخشى قوراللانغان دۈشمەنلەرنىڭ ئۈستىدىن داۋاملىق غەلىبە قازاندى.
مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۈچ فرونتى تەخمىنەن 20 مىڭدىن ئارتۇق شتاتلىق جەڭچىلىرى ۋە ئون مىڭدەك پارتىزانلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، 1945 – يىلى ئىيۇن – سېنتەبىر ئايلىرى ئىچىدە زور پىداكارانە ۋە غالىبىيەتلىك ئازادلىق ئۇرۇشلارنى يۈرگۈزۈپ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 70 مىڭلىق ئەسكەرلىرىنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيەسىنى تولۇق تارمار قىلدى.
مەركىزىي فرونت يۆنىلىشىدە ئىلى ۋىلايىتىنى تولۇق ئازاد قىلدى ۋە سېنتەبىردە ماناس دەرياسىغا چىقىپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. مەركىزىي فرونت دۈشمەننىڭ 20 مىڭ ئادەمدىن ئوشۇق 2 – ئارمىيەسىنى تولۇق تارمار قىلىدۇ. بۇ ھەقتە گېنېرال زۇنۇن تېيىپوف مۇنداق يازىدۇ: «شىخودا مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن ئەسكىرى بىلەن ئوفىتسېرى يوقىتىلدى، ئۈچ مىڭ ئەسكەر ئەسىرگە ئېلىندى، بىز جەڭلەردە 27 زەمبىرەك، 82 پىلىموت، 1700 دىن ئوشۇق مىلتىق، تانكا، ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن برونېئاپتوموبىل ۋە نۇرغۇن ساندىكى ئوق – دورىلارنى غەنىيمەت ئالدۇق. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ كوماندىرى گېنېرال گو چىنمۇ ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى.»
شىمالىي فرونت بورتالادىن ئالتاي – چۆچەككىچە بولغان ئىككى ۋىلايەت تېررىتورىيەسىنى تولۇق ئازاد قىلىپ مەركىزىي فرونت بىلەن ئۈرۈمچى يۆنىلىشىدە ھەمكارلىشىشقا تەييار تۇراتتى. شىمالىي فرونت سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تولۇق ئازاد قىلىدۇ. پەقەت ئالتاي ئۈچۈن بولغان جەڭلەردە 2956 نەپەر خىتاي ئەسكىرى ئەسىرگە ئېلىندى ۋە 50 پىلىموت، 1500 مىلتىق، 150 تاپانچا ۋە سەككىز مىنومېت غەنىيمەت ئېلىندى.
جەنۇبىي يۆنىلىشتە ئاقسۇ يېڭىشەھەر سېپىلىدىن باشقا، ئاقسۇ كونىشەھەر ۋە ۋىلايەتمۇ ئاساسەن ئازاد قىلىندى. ئومۇمەن بۇ مەزگىلدە مىللىي ئارمىيە بىر مىليون ئاھالىسى بار 300 مىڭدىن ئارتۇق كۋادرات كىلومېتىر تېررىتورىيەنى باسقۇنچىلاردىن تولۇق ئازاد قىلدى.
تارىخنامىلەرگە قارىغاندا ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى مەركىزىي فرونتنىڭ ماناس دەرياسىغا چىققانلىقى ۋە قۇتۇبى ئەتراپىدا پارتىزانلار ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر ئالغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆز ئائىلىلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ئالدىراشلىق بىلەن ئايروپىلانلاردا خىتايغا يولغا سېلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن باغلىق بولمىغان ھۆكۈمەت مەمۇرىيىتىنىڭ قالغان قىسمىنى ئۈرۈمچىدىن قاراشەھەرگە يۆتكىدى ۋە تۇرپان – قومۇل يۆنىلىشىدە خىتايغا قاراپ قېچىشقا تەرەددۇت قىلدى.
بەخىتكە قارشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ياۋرو – ئاسىيادا ۋە تىنچ – ھىندى ئوكيان رېگىئونلىرىدا تىكلىگەن سىياسىي – ھەربىي، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەتكە ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يالتا كېلىشىمى دائىرىسىدىكى مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈپ، جەڭ مەيدانلىرىدا غەلىبە قازىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى 1945 – يىلى ئوكتەبىر ئېيىدا تىنچلىق سۆھبەتكە زورلىدى. ئۇزاق ۋاقىت ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر ۋە تەڭسىز مۇزاكىرىلەرنىڭ نەتىجىسىدە، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ 11 ماددىلىق سۈلھى بىتىمنى تاڭدى.
شۇنداق قىلىپ، 1946 – يىلى 6 – ئىيۇن كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن، ھۆججەتلەردە رەسمىي يېزىلغان: «ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ۋە تالاش سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش توغرۇلۇق»، يەنى ئۇيغۇر تارىخىدا «11 ماددىلىق بىتىم» دەپ ئاتالغان، باراۋەرسىز شەرتنامىنى ئىمزالاش بىلەن ئاياغلاشتى. نۆۋەتتىكى قېتىم، ئۇيغۇر مىللىتى قوراللىق كۈرەشتە كۆپ قانلىق بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن مۇستەقىللىقنى، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيەۋىي كۈرەش جەريانىدا قۇۋ، مەككار، ئىككى يۈزلىمىچى ۋە زور ئالدامچى دۈشمەنگە كرېمىلنىڭ قاتتىق بېسىمى بىلەن ئالدىنىپ، قولدىن چىقىرىپ قويىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئىلمىي ئاساستا ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئوبيېكتىپ ئەمەلىي ساۋاق ئالايلى، قېرىنداشلار. ستالىن ۋە ماۋ زېدۇڭ 1949 – يىلى يەنە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى ئەمەلىي – ئەدلىيەۋىي رەئىسى ئەھمەدجان قاسىمى، ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئابدۇكەرىم ئابباسوف، ئىسھاقبېك مۇنۇنوف، دەلىلخان سۇگۇربايېفنى ۋە رەئىسنىڭ مەسلىھەتچى – ياردەمچىلىرى غەنى كەرىم، ئابدۇرەشىد ئىمىن، ئوسمانجان ناسىر قاتارلىقلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئالداپ ئەكىلىپ، 27 – ئاۋغۇستتا موسكۋادىكى ليۇبيانكە تۈرمىسىدە قەتل قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى نابۇت قىلدى.
ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مىللىي بۇرجۇئازىيە، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، ياشلار، دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلار بولدى.
1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دېموكراتىك ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى سۈپىتىدە تەرەققىي ئەتتى. ئۇ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ چوڭ مۇھەببىتىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي مىللىي ئىدىيەسى مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلەتچىلىكى، مىللىي تەرەققىيات، مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇقى، باراۋەرلىكى، دېموكراتىيە ۋە دوستلۇق بولغان ئىدى. مىللىي مۇستەقىللىق ئىدىيەسى مىللىتىمىزنىڭ ئاڭ سېزىمىدا ھەرقاچان مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ سىرتتىن ئېلىپ كېلىنمىگەن. بەختكە قارشى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئومۇمەن ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گومىنداڭچى خىتاي ۋە كوممۇنىستىك خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناپىقلىق جۇغراپىيەلىك سىياسىي چوڭ «ئويۇنى»نىڭ قۇربانى بولدى.
263 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋامىدا خىتاي بىلەن چار رۇسىيە (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى) كېيىن كوممۇنىست ھاكىممۇتلەقلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ كەلمەكتە.
مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەخسۇس ھەربىي كۇرسلارنىڭ سىستېمىلىق ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ‐ ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق كۈرەش تارىخىدىكى ئىنتايىن زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە ئوفىتسېر – جەڭچىلەرنىڭ ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن يۈكسەك جانپىدالىق، قەھرىمانە كۈرىشى ‐ بۈگۈنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن تارىخىمىزدىكى پەخىرلىنىدىغان داڭلىق سەھىپە، زور ساۋاق ھەم ئۈلگە. شۇنداقلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىگە، بارلىق مىللىي تەشكىلاتلارغا، سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە ۋە بىزگە تەڭسىز سىياسىي سۈلھىچىلىكنىڭ جەريانىنى، ئاقىۋىتىنى ئۆگىنىش، ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم ئەمەلىي ۋەزىپە.
زامانىۋى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا ئاساس سالغان 1990 – يىلىدىكى 5 – ئاپرېل بارىن ۋەقەسى، 1997 – يىلقى 5 – فېۋرال غۇلجا ياشلار تىنچلىق نارازىلىق نامايىشى ۋە 2009 – يىلقى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى دېموكراتىك نارازىلىق ھەرىكىتى قاتارلىق زور سىياسىي ۋەقەلەر د ئۇ ق رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا ۋە خەلقئارالاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۈگۈن دېموكراتىك سەككىز غەرب دۆلىتى مۇستەملىكىچى، ھاكىممۇتلەقلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاۋتوختون ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ۋە قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈرك – مۇسۇلمان خەلقلەرنى جازا لاگېرلىرىنى مەركەز قىلغان ئەمەلىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىي – دىنىي گېنوسىت سىياسىتى ئارقىلىق يوق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ھەرىكىتىنى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ رەسمىي ئەدلىيەۋى – سىياسىي بېكىتتى. ئۇيغۇر مەسىلىسى ھازىر كۆپلىگەن خەلقئارالىق نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ، جۈملىدىن، خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ب د ت نىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتپاقىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. كېيىنكى يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى مىسلى كۆرۈلمىگەن قىرغىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر بىرلىكتە ھامان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ ۋە سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى، يەنى مۇستەقىل دۆلەتچىلىكىنى، دېموكراتىيەنى شەرقىي تۈركىستاندا تىكلەيدۇ.
‐ قەھرىمان غوجامبەردى.
«ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى»دىن

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى

رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار توغرىسىدىكى بايانلىرى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمىيىتىنىڭ <مالىيە ئەركىنلىكى دوكلاتى>دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىشىلىك ھوقۇق

ئۇكرائىنادا ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي ئۆزلىرىنىڭ پۇلغا سېتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان

ئۇكرائىنادا ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي ئۆزلىرىنىڭ پۇلغا سېتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان فرانسىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي 14-ئاپرىل ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئاخبارات ئېلان

ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاينى ساراسىمىگە سالماقتا

ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاينى ساراسىمىگە سالماقتا +++ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتكۈل دۆلەتتىكى ئەلچىلىرىدىن دەم ئېلىشنى بىكار قىلىپ،

<ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ: ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺗﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ>

<ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ: ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺗﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ> ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺷﯚﺑﯩﺴﻰ 10-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ <ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ: ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺗﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ

شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن بىر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ جىددىي تەكشۈرمەكتە

RFA ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: 2025.04.10 شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دېگەن ئەيىب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرى چارشەنبە كۈنى تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق ھەيران قالدى ۋە بۇ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» دەپ

ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 80 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ ﮪﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﯩﺮﻟﯩﻨﯩﯔ: مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مىللىي ئارمىيە مۇقەددەس، مۇنبەت ۋە گۈزەل ئىلى تەۋەسىدىكى