مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى
6-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق ئەسەرنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى بولالىغان بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى رۇشەن ئابباس خانىممۇ نەق مەيداندا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
مۇراسىمغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن Young Kim ۋە Joe Wilson، شۇنداقلا » Optimum Publishing International» نەشرىياتىنىڭ رەئىسى Dean Baxendale، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى Damon wilson، خۇدسون ئىنىستىتۇتى خادىمى oliva énos قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم شەخسلەر قاتنىشىدۇ.
خالىسىڭىز سىزمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىڭ!




