سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى ھەققىدە نەشرىياتنىڭ بايانلىرى

«سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ھەققىدە نەشرىياتنىڭ بايانلىرى
«سۇنماس: بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋېتى بىلەن، نەشرىيات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرقىسىم بېغىشلىمىلار:
» بۇ كىتاب ئىرقىي قىرغىنچىلىق، چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش، نازارەت، مۇستەبىتلىك ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ كېلىچىكى ئۈچۈن پۈتۈن يەرشارىغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش چاقىرىقىدۇر!»
«<سۇنماس: بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى> بولسا رۇشەن ئابباسنىڭ جىددىي ۋە تەسىرلىك ئەسلىمىسىدۇر. رۇشەن ئابباس ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئاۋازلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇ ئىككى قېتىملىق نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە رەئىسى. مەزكۇر كىتاب Optimum Publishing International نەشرىياتى تەرىپىدىن 2025-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا ۋە كانادادا تارقىتىلىدۇ.»
«كىتابتا رۇشەن ئابباسنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى بىلەن جىددىي سىياسىي ھاياتى بىر گەۋدىگە ئايلانغان ھالدا، خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى، نازارەت سىستېمىسى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، قۇللۇق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن. ئۇ يەنە ئاتىسىنىڭ تېخى نەشىر قىلىنمىغان ئەسلىمىسىنى ئورتاقلىشىپ، ماۋ زېدوڭنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىن يورۇتۇپ بەرگەن.»
«دالاي لاما ئالىلىرى مەزكۇر كىتاب مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرى ھەققىدە تەسىرلىك بايانلارنى ئىزھار قىلىپ < بىر تىبەتلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوخشاش ھالدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چۇڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرىمەن، رۇشەن ئابباس سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن> دېدى.»
«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى خىتاي مەسىلىلىرى پەۋقۇلاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى John Moolenaar مۇنداق دېدى: <بۇ كۈچلۈك جەلىپدار ئەسلىمىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زوراۋانلىقىغا بولغان قەتئىي قارشىلىقنى نامايەن قىلغان. سۇنماس: بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى بولسا سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەر، رەھبەرلىك قىلغۇچىلار ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش تەرەپدارى بولغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن جىددىي سەپەرۋەرلىك چاقىرىقىدۇر!»
«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئۇيغۇر دوستلۇق گورۇپپىسىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن Thomas R. Suozzi مۇنداق دېدى: رۇشەن ئابباس ئاجايىپ كۈچلۈك بىر شەخس، ئۇ پاجىئەلەر ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلار ئالدىدا سۈكۈتلىرىنى تەرىك ئەتتى. ئامېرىكا چوقۇم نۆۋەتتە ئىھتىياجلىق بولغان ئەخلاقىي رەھبەرلىك كۈچى ۋە جاسارىتى بىلەن مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇشى كېرەك!»
«ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى، ئاۋام پالاتا شەرقىي ئاسىيا ۋە تېنىچ ئوكيان تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى Young Kim مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ رەھبەرلىك قۇۋۋىتى ۋە ئىگىلمەس-سۇنماس تەشەببۇسلىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تېررورىستىك زىيانكەشلىكلىرىنى پاش قىلىشتا غايەت زور رول ئوينىدى. رۇشەننىڭ ھېكايىسىنى ھەربىر كىشى ئوقۇشى ۋە ئورتاقلىشىشى لازىم.»

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ