خۇدسون ئىنىستىتۇتىدىكى Olivia Enos نىڭ بايانلىرى
7 يىل ئىلگىرى، رۇشەن ئابباس خۇدسون ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتى. بىرقانچە كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. بۇ ھەپتە، رۇشەن يەنە خۇدسون ئىنىستىتۇتىغا كەلدى، بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك كۆرىشى» ناملىق كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. مەن بۇ مۇراسىمغا رىياسەتچىسى بولالىغانلىغىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم. مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنە بىر مۇراسىمغا رىياسەتچى بولۇشنى، بۇ مۇراسىمدا گۈلشەن ئابباس سۆز تېمىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ مۇراسىمنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بىز تاكى ئۇ ئەركىنلىككە ئېرىشمىگۈچە، خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈش تەشەببۇسىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز.

