خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى
گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان. يۇقارقى ئورگانلار 10 دىن ئارتۇق زاۋۇتتا بىۋاستە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. خىتايغا شەرقىي تۈركىستاندىن ھەر يىلى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 38 مىڭ كىشىگە يېتىدىكەن.