بلىنكېن ۋە رۇبىيو خىتاي تۈرمىسىدىكى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ۋە كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئانتونىي بلىنكېن 12-ئىيۇندىكى تۋىتتېر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن گۈلشەن ئابباسنىڭ 59 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى، شۇنداقلا ئۇ شىنجاڭدا ناھەق قامالغان ئۈچىنچى تۇغۇلغان كۈنى. ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەبرىكلەشكە ھەقلىق. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشى كېرەك.»

گۈلشەن ئابباس خانىم ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئاچىسى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى 10-سېنتەبىر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. بىراق يېقىندا رادىيومىز گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ تۋىتتېر ئۇچۇرى ئېلان قىلىپ، گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «بۈگۈن دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا شىنجاڭ لاگېردا ئۆتكەن ئۈچىنچى تۇغۇلغان كۈنى. بىز ئۇنىڭ چېھرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسىگە داۋاملىق بېسىم قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، گۈلشەن ئابباسقا ئەركىنلىك.»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا نەقىل قىلىشىچە، گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادىكى ئاكىسى دوختۇر رىشات ئابباس «بىگۇناھ ھالدا تۈرمىگە تاشلانغان سىڭلىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە «ھېچقانداق بىر ئائىلىنىڭ رەھىمسىز ھەمدە ۋەھشىي ھاكىمىيەتنىڭ قولىدا بۇ قەدەر ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا قىلىنماسلىقى لازىم» لىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ