ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلگەن ئەمگەك تەپتىش دوكلاتىنى ئاشكارلىدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتون (د.س.) دىكى ئ‍شىخانا ئادرېسىغا ئەۋەتىلگەن ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلگەن ئەمگەك تەپتىش دوكلاتىنى ئاشكارىلاپ، ۋولكسۋاگېننىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق سىياسەتلىرىگە  ئورتاق بولغانلىقىنى ئاقلاشنى مەخسەت قىلغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. گۇئاڭدۇڭ لياڭما قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، بېرلىندىكى لۆنىڭ مەسلىھەت شېركىتى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان بۇ تەپتىشلىك خىزمىتى، خەلقارالىق ئىجدىمائىي جاۋاپكارلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. ۋولكسۋاگېننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدىكى ئەيىپلەشلەردىن ئاقلىنىپ، تازىلىنىشقا ئۇرۇنۇش داۋاسىنىڭ يالغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتاق-ئابروينى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ساختا كۆرۈنۈشنىڭ بىرقىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ۋولكسۋاگېننىڭ 2023-يىل دېكابىردىكى ئۈرۈمچى زاۋۇتىدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار ھېچقانداق ئىسپات يوق» دېگەن باياناتى 2024-يىلى ئاۋغۇستتا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈلگەن بۇ دوكلات ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ دوكلاتنى مالىيە ۋاقتى، دەر سپىئەگەل ۋە زدف قاتارلىق ئاخباراتلار بىلەن ئورتاقلاشتى. دوكلاتتا تەپتىشنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ مەخپىيىتىنى قوغداش ۋە تولۇق سوئال-سوراشقا دائىر مۇھىم ئۆلچەملەرنى تەمىنلىمىگەنلىكى ئايان بولدى. لياڭما ۋە لۆنىڭ، ۋولكسۋاگېننىڭ ئەمگەك تەپتىشتە قوللىنىلغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان، كارخانىلاردىكى ئادىل خىزمەت شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان خەلقئارالىق ئۆلچەم بولغان س ئ‍ا8000 تەپتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان. ئەڭ دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان نەرسە شۇكى، لياڭما قانۇن شىركىتىنىڭ باش قانۇن تەپتىشى، بۇ خىزمىتىنى ئىشلەشتىن ئىلگىرى بىر رېستوراننىڭ خوجايىنى بولغان كلاۋ گىرىنۋئود ، س ئ‍ا 8000 تەپتىشلىكى ھەققىدە «خىتايدا س ئ‍ا8000  تەپتىشلىكنىڭ قىممىتى نېمە؟» دېگەن مەزمۇندا بىر يازما چىقارغان. بۇ پاكىتلار، ۋولكسۋاگېننىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان چېتىشلىقىنى ئاقلىغان تەپتىش دوكلاتىنىڭ ئىشەنچىلەردىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە پروگراممىسىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى «ئىرقىي ئىناقلىق» پائالىيىتىگە مەجبۇرلايدىغانلىقى بۇ دوكىلاتتا ئاشكارلانغان. خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىئان زېنز ئۆزىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا لياڭما خىزمەتچىلىرىنىڭ «كومپارتىيە بولمىسا ، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 103 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ناخشا لاگېرلار ئۇيغۇرلارغا ئېيتىشقا مەجبۇر قىلىنغان ناخشىلارنىڭ بىرى ئىدى.

ئاشكارە قىلىنغان تەپتىش دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، سوئال-سوراقلار شىنجېندىكى قانۇن مۇلازىمەت ئورنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ ئاستىدا نەق مەيداندا تارقىتىلىپ، ئوچۇق-ئاشكارە ئېلىپ بېرىلغان. ھەمدە تەپتىشلەرنىڭ پەقەت باشقۇرغۇچىلارنى ئەمگەك سىياسىتى توغرىسىدا سوئال سورىغانلىقى ئېنىقلانغان. ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى سائىك موتورس بىلەن شېرىكلەشكەن بولۇپ، 197 خادىمنى ئىشلىتىدۇ. بۇ خادىملارنىڭ 25%ئى ئۇيغۇر. ئەمما ئەمگەكچىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىلىق سوئال-سوراق قىلمىغانلىقى مەزكۇر ناتوغرا نەتىجىلەرنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر.

ئومۇمەن، ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسى سىياسىتى»گە ئىشتراك قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى مىللىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش پائالىيىتىگە ئارىلاشقانلىقى جىددىي دىققەتنى تارتىدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئاننالىنا بايېربوك ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولدى

ئاننالىنا بايېربوك ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولدى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيەنىڭ يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان گېرمانىيەنىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق ئەسەرنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ